شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-06-14 09:24:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بىشكەكتە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايىف بىلەن كۆرۈشتى .

شى جىنپىڭ توقايىفنىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، توقايىفنىڭ جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 27 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى ھالقىما تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، بىز بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش ئاساسى پۇختا، يۆنىلىشى ئېنىق، قەدىمى پۇختا. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ «پارلاق يول» يېڭى ئىقتىسادىي سىياسىتى بىلەن جىپسىلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ۋە ئۆز رايونى خەلقىگە كەڭ دائىرىدە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قۇلايلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، يېزا ئىگىلىكى، يۇقىرى تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، قاتناش ئەشياھ ئوبوروتى، يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ؛ ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش لازىم. ئەل رايىنى باغلاش قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىز قازاقىستان بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز .

توقايىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى بولغانلىقىمنى تەبرىكلىگىنىگە رەھمەت. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قازاقىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق ئالدىنقى يۆنىلىشى، بۇ قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋە رايون مۇقىملىقى،گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. قازاقىستان جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سودا، قاتناش، ئەشياھ ئوبوروتى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

1124620176_1560433286789_title0h.jpg
1124619533_15604333468691n.jpg
شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى