شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-06-14 09:32:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بىشكەكتە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مودىنىڭ ئۇدا ھىندىستان زۇڭلىسى بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دۇنيادىكى نوپۇسى 1 مىليارد دەرىجىسىدىكى گۈللەنمە بازار دۆلەتلەر بولۇپ، تېز تەرەققىي قىلىش مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشسا، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. مەن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن بۇلتۇر ۋۇخەندە ئۇچرىشىپ، جۇڭگو- ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا باشلاپ كىردۇق. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ تېخىمۇ زىچ شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا داۋاملىق تۈرۈتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر - بىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى، بىر -بىرىگە تەھدىت سالماسلىق ئاساسىي ھۆكۈمىدە؛ ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ؛جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تېخىمۇ چوڭ ئاكتىپ كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەمكارلىق يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەت تورتىنى زورايتىپ، رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش، جۈملىدىن بېنگال، جۇڭگو، ھىندىستان، بىرما ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. چېگرا مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىللىرى ئۇچرىشىشى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشەنچ تەدبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت چېگرا رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك . جۇڭگو بىلەن ھىندىستان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە گۈللەنمە بازار ئىقتاسدىي گەۋدىسىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپچىلىك، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك .

مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا ھىندىستان زۇڭلىسى بولغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىگىنىگە رەھمەت. بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ۋۇخەندىكى ئۇچرىشىشىم ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ھىندىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرۈتكە بولدى. ھىندىستان جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ساھەلەردە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەلىرىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ. ھىندىستان بىلەن جۇڭگو كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى بىرلىكتە ياخشى پىلانلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك .

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

1124620176_1560433286789_title0h.jpg
1124619533_15604333468691n.jpg
شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى