شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جېئىنبېكوف بىلەن سۆھبەتلەشتى
0
2019-06-14 10:01:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بىشكەكتە قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جېئىنبېكوف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

6-ئايدىكى بىشكەك قۇياش نۇرىغا چۆمگەن بولۇپ، ئاسمىنى سۈپسۈزۈك ئىدى. قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جېئىنبېكوف ئارالچە دۆلەت مېھمانخانىسى يىغىن مەركىزىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە، جېئىنبېكوفنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرسىغا كېلىپ، ھۆرمەت قاراۋۇللىرىدىن قىرغىز تىلىدا «جەڭچىلەر ياخشىمۇسىلەر !» دەپ ھال سورىدى: ھۆرمەت قاراۋۇلىىرى: قىرغىز تىلىدا «سىزنى قارشى ئالىمىز» دەپ جاۋاب قايتۇردى. شى جىنپىڭ جېئىنبېكوف بىلەن بىرلىكتە سەپكە تىزىلىش مۇراسىمىنى كۆردى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 27 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر ھەمكارلىشىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە، مۇستەھكەم مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋىپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنى قوللايدۇ. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي بىر - بىرىمىزنى قوللاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرسەكلا، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى لېنىيەسى بولۇپ قالدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشى، يېڭى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى ئېچىشى كېرەك. ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو قىرغىزىستاندىن تېخىمۇ كۆپ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللايدۇ، قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە ئىچىملىك سۇ، تاشيول، دوختۇرخانا قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ۋە يەرلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغاندىن بۇيان، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو بۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، بىشكەك باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

جېئىنبېكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم قارشى ئالىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۈچ قېتىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق نامايان قىلدۇق. قىرغىزىستان مەڭگۈ جۇڭگونىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى بولىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، جۇڭگو خەلقىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەيمىز، ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمىز. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە تەجرىبىسى قىرغىزىستان ئۈچۈن زور ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. قىرغىزىستان بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى دەپ ھىسابلايدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قوللانغان سىياسەت-تەدبىرلىرىنى قوللايدۇ. قىرغىزىستان جۇڭگوغا ئوخشاش، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىشكە قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ. قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى «بىر بەلباغ، بىر يول«نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ماس كېلىدۇ، قىرغىزىستان جۇڭگو بىلەن مېخانىزملاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، يەرلىكلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىشىگە ياخشى ئاساس سالدى. قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇپ قىلغان خىزمەتلىرىنى ھەمدە بىشكەك باشلىقلار يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

شى جىنپىڭ جېئىنبېكوفنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتيەسى پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئالدىدا، بىز قىلچە قانائەتلەنمەيمىز، چەكسىز ئىشەنچ بىلەن، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى باسىمىز.

سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك بىر قانچە ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇشقا گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.


1124620176_1560433286789_title0h.jpg
شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جېئىنبېكوف بىلەن سۆھبەتلەشتى
1124619533_15604333468691n.jpg