شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، قىرغىزىستاننىڭ ماناس 1-دەرىجىلىك مېدالىنى قوبۇل قىلدى
0
2019-06-14 10:46:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بىشكەكتە مۇراسىمغا قاتنىشىپ، زۇڭتۇڭ جېئېنبېكوفنىڭ بەرگەن ماناس 1-دەرىجىلىك مېدالى»نى قوبۇل قىلدى. مىدال بېرىش مۇراسىمى ئارالچە دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. قىرغىزىستان تەرەپ رىياسەتچىسى زۇڭتۇڭنىڭ پەرمانىنى ئوقۇپ ئۆتتى. جېئېنبېكوف شى جىنپىڭغا «ماناس بىرىنچى دەرىجىلىك» مېدالىنى بەردى. مىدال بېرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

جېئېنبېكوف شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بەرگەن قىممەتلىك قوللىشى ۋە ياردىمىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ قىرغىزىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ جېئېنبېكوفنىڭ ماڭا «ماناس 1-دەرىجىلىك» مىدالىنى بەرگەنلىكى قىرغىزىستان خەلقنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، مەن بۇنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن . مەن زۇڭتۇڭ جىينبىكوف بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشنى خالايمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بىشكەكتە مۇراسىمغا قاتنىشىپ، زۇڭتۇڭ جېئېنبېكوفنىڭ بەرگەن ماناس 1-دەرىجىلىك مېدالى»نى قوبۇل قىلدى.

1124620176_1560433286789_title0h.jpg