لى كېچياڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە قاتناشقاندا قوش ئىگىلىك تىكلەش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى
0
2019-06-14 19:37:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى جېجياڭنىڭ خاڭجۇدا 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى « ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش » پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە قاتنىشىپ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى، ئاجايىپ-غارايىپ ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى كۆردۈم، بۇ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ھەممە يەرنى قاپلىغان، ئاجايىپ، رەڭدار جانلىق كارتىنا.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماھىيىتى ئىسلاھات ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئايلىنىۋاتىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئېلاستىكىلىقىنى ساقلىدى، بۇ بىر مىليارد 400 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىجادىيىتىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا«قوش يېڭىلىق يارىتىش»مۇھىم تېرەك، ئۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشىنى ساقلايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ مول ئادەم كۈچى بايلىقى ئۈچۈن كەڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقى ئېچىپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئادىل رىقابەتلىشىش، يېنىك ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىيادنىڭ مۇھىم تۇتقۇسى، ئەقىل - پاراسەتنى توپلاش، كۈچ توپلاش ئارقىلىق، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگيەسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن جانلىق يولىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ پۇرسەتنىڭ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كارخانىچىلار روھى، ھۈنەرۋەن روھى، كەسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمە رايونىدا، لى كېچياڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئىجادكارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆرۈش تورى، رەقەملىك ياسىمىچىلىق، دېڭىز-ئوكيان دولقۇنىدىن توك تارقىتىش، سۈنئىي يەم خەشەكتە زاۋۇتلاشتۇرۇپ پىلە بېقىش، بىئو دورىگەرلىك قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. لى كېچياڭ ياش ئىجادكارلار ئوتتۇرىغا قويغان«مەن بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالايمەن، مەن ئىجاد قىلالايمەن» دېگەن روھنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.


1124620176_1560433286789_title0h.jpg
1124619533_15604333468691n.jpg
لى كېچياڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە قاتناشقاندا قوش ئىگىلىك تىكلەش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى