شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى
0
2019-06-15 18:13:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

 

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى قىرغىزىىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جېئېنبېكوف، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزايوف بىلەن بىرگە يىغىنغا قاتناشتى، شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي روھىدىن ئەقىل پاراسەت، ئىتتىپاقلىق ھەمكارلىقتىن كۈچ ئېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىتتىپاقلىشىش، ئىشىنىش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىشنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ ئارالچە دۆلەت مېھمانخانىسى يىغىن مەركىزى زالىغا يېتىپ كېلىپ، زۇڭتۇڭ جېئېىنبېكوفنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئالدى بىلەن كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئاندىن كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشىنكو، ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلۇغ ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى چوڭ دائىرىلىك سۆھبەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، جېئېنبېكوف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەكشىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدىكى نەتىجىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ سىياسىي ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالى شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

شى جىنپىڭ يىغىندا «مەقسەت ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي، جان دىل بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ گۈزەل كېلىچىكىنى بىرلىكتە يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر شاڭخەي روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە بوران چاپقۇن، داۋالغۇش بولۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما تىنچلىق، تەرەققىىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش ئۆزگەرمەس دەۋر ئېقىمى، بىز دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش ۋەزىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، شاڭخەي روھىدىن ئەقىل پاراسەت، ئىتتىپاقلىق ھەمكارلىقتىن كۈچ ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ زىچ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەكشىلاتىنى ئىتتىپاقلىشىش، ئىشىنىشنىڭ ئۈلگىسى قىلىشىمىز كېرەك. شاڭخەي روھىنى مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئورتاق ئىدىيەسى قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خارتىيەسى، ئۇزاق مۇددەت ئىناق، دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسىدە بېكىتىلگەن باش مەقسەت ۋە پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

ئىككىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈشنىڭ ئۈلگىسى قىلىشىمىز كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىپ، ئەسەبىلىكنى تۈگىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك، ئافغانىستاندا بالدۇرراق تىنچلىق، يارىشىش، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناش كېرەك.

ئۈچىنچى، بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداشنى، ئېچىۋېتىشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق ھەمكارلىقتىن تەڭ بەھىرلىنىش سۇپىسىنى ياخشى ئىشلىتىپ، رايون ئىقتىسادىنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى چوڭقۇر تۇتاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قېلىپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۈيۈك مەلۇمات قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىشنىڭ ئۈلگىسى قىلىشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت توقۇنىشىنى تاشلاپ، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئەينەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىق خىرىس ئالدىدا بىز تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيىتىمىزنى نامايەن قىلىشىمىز، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ ئىجابىي رول ئويناپ، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى بىرلىكتە كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، شاڭخەي روھى بىلەن مەقسەت ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي، جان دىل بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىنى بىرلىكتە يارىتايلى.

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىدىكى باش مەقسەت ۋە پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش، خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى بېكىتىشنى قايتا تەكىتلىدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى رولىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قوشۇلدى.

نۇرغۇن رەھبەرلەر «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا قولغا كەلگەن ئىلگىرلەشلەرگە يۇقىرى باھا بەردى، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. سودا، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش، قاتناش، ئېنېرگيە، يېزا ئىگىلىك، يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھالەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ بىرگەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە كۈچىنى قوغداپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى بىرتەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىق قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، رەھبەرلەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداپ، خەلقئارا تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت قاتارلىقلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، زەھەرنىڭ تەھدىدىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ئافغانىستان مەسىلىسى رايون خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئافغانىستان مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشى زۆرۈر، يىغىندا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىنى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈش، كېيىنكى نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى رۇسىيە ئۆتەش قارار قىلىندى. ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى بىشكەك خىتاپنامىسى» شۇنداقلا ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تېخنكىسى، زەھەر چەكلەش، يەرلىكلەر ھەمكارلىقى قاتارلىق 13 ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىدى.

يىغىندا« شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنى ئاخباراتى» ئېلان قىلىندى. يىغىندىن كېيىن شى جىنپىڭ جېيىنبېكوفنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا، رايون تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

 

1124620176_1560433286789_title0h.jpg
1124619533_15604333468691n.jpg