پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 66 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى يۈز تۇرانە تەبرىكلىدى
0
2019-06-15 18:19:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار تۇردى

 

رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئاگېنتلىقى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوفنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۈشەنبىدە ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چۈشكەن مېھمانخانىغا بېرىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 66 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى يۈز تۇرانە تەبرىكلىگەن.

پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئوينىغان مۇھىم رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رەئسى شى جىنپىڭ پۇتىنغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە پۇتىن جۇڭگودا ناھايىتى قارشى ئېلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. زۇڭتۇڭ پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭغا رۇسىيەنىڭ ماروژنىسىنى سوۋغا قىلغان، رەئىس شى جىنپىڭ جاۋابەن پۇتىنغا جۇڭگو چېيىنى سوۋغا قىلغان.

6-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «بۈگۈنكى رۇسىيە» ئاگېنتلىقى، «سۈنئىي ھەمرا تورى» يۇقىرىقى خەۋەرلەرنى ئۇلاپ تارقاتقان.

 

1124620176_1560433286789_title0h.jpg
1124619533_15604333468691n.jpg