ئاتا-بالا مېھرى ئائىلە-دۆلەت مۇھەببىتى
0
2019-06-16 18:07:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

«جۇڭشۈننى ئىزدەڭ». مانا بۇ ئەينى يىللىرى غەربىي شىمالدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى ئىدى، بۇ قىسقىغىنا سۆزدىن شى جۇڭشۈننىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

شى جىنپىڭنىڭ ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فىكونىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئېيتقان «مەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرى خەلق ئاممىسنىڭ كەڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

شى جۇڭشۈندىن شى جىنپىڭغىچە، ئاتا-بالا مۇھەببىتى ئىللىق، ئۈلگىنىڭ كۈچى ئۇلۇغ بولدى. ئۆزگەرمەس ئەسلى مەقسەت تومۇرداش بولۇپ، ھەر بىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارغىچە مەھكەم ئورنىدى.

پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئېتىقادى تاغدەك مۇستەھكەم بولۇش

شى جۇڭشۈن «خەلق دېگىنىمىز پايانسىز زېمىن، پايانسىز زېمىن دېگىنىمىز خەلق» دېگەن.

شى جىنپىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچى-جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش» دېدى.

سۈرەتتە: ياشانغان مەزگىللىرىدىكى شى جۇڭشۈن

شى جۇڭشۈننىڭ ئاجايىپ ھاياتى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن، مەيلى ئوڭۇشلۇق ئەھۋال، مەيلى ئوڭۇشسىز ئەھۋال بولسۇن، ئۇ ھەممە چاغدا ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىنى ئۆزگەرتمىگەن، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىدىن تەۋرەنمىگەن، تەشكىلگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆزگەرتمىگەن.

«بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ، بىر ئۆمۈر خۇشال ياشىدىم، ھەر كۈنى كۈرەش قىلىپ، ھەر كۈنى خۇشال ياشىدىم». مانا بۇ-شى جۇڭشۈننىڭ ياشانغان چاغلىرىدا ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ھەققىدىكى يەكۈنى.

ئۇ ھاياتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم قىسمىدا، «غەربىي شىمالنىڭ ئىشىنى تېرىشىپ ياخشى قىلغان»؛ يېشى 60 تىن ئاشقاندا، ئۇ يەنە بۇيرۇققا بىنائەن گۇاڭدۇڭغا بېرىپ، «ۋەتەننىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىنى چىڭ ساقلىغان»، ئۇ ھەر سائەت، ھەر مىنۇتتا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن: يەنى «بىر كومپارتىيە ئەزاسى ئۈچۈن يەنە قايسى ئىش پارتىيە ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلىشتەك بەخت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلالىسۇن؟»

2017-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شاڭخەيدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان ئورۇن خاتىرە سارىيىدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى باشلاپ پارتىيە كىرىش قەسىمىنى بىرلىكتە تەكرارلىدى.

 

شى جىنپىڭ بۇرۇن ئاتىسىغا يازغان خېتىدە، «ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا تۇرغان چاغدىمۇ، سىزنىڭ كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادىڭىز يەنىلا قەتئىي بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغلىقى، توغرىلىقى، شەرەپلىكلىكىگە ئىشەنگەن، سىزنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىڭىز بىزگە توغرا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.

شى جىنپىڭ ئاتىسىنىڭ قولىدىكى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ «جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش» بۇرچىنى زېممىسىگە ئېلىپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، تىنىم تاپماي ئىشلىدى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەزالىرىنى باشلاپ شاڭخەي، جياشىڭغا بېرىپ، «ئەسلى مەقسەت سەپىرى»نى باشلىدى.

ئۇ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى قەتئىي كۆزلەشكە كۆپ قېتىم ئىلھاملاندۇردى. بىر قاتار مەزمۇت تاشلانغان ئىزلار ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ تۈنۈگۈنى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسىنى باغلاپ تۇرماقتا.

 

جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش

شى جۇڭشۈن «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش-ئاتا-ئانىغا بولغان ئەڭ چوڭ ۋاپادارلىق» دېگەن.

شى جىنپىڭ «مەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېدى.

سۈرەتتە: 1960-يىلى 6-ئايدا، شى جۇڭشۈن مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كادىرلىرىنى باشلاپ بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى قىزىل يۇلتۇز خەلق گۇڭشىسىغا بېرىپ، گۇڭشى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە بۇغداي ئورىدى.

 

«مەن دېھقاننىڭ پەرزەنتى». مانا بۇ-شى جۇڭشۈننىڭ ئائىلىسىدە دائىم ئېيتىدىغان سۆزى ئىدى.

ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان بارلىق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك-«ئاممىنىڭ ئارىسىدا يېتىشىپ چىققان ئاممىنىڭ رەھبىرى»نىڭ ئۆزگەرمەس ئىستىلى ئىدى. دېھقانلارنىڭ نەزىرىدە، شى جۇڭشۈن چىغ قالپاق كىيىپ، يېكەن يەلپۈگۈچنى ئېلىپ، شىمىنىڭ پۇشقىقىنى تۈرۈپ، توپىلىق يەرلەردە يۈرۈپ، كىمنى كۆرسە سالام قىلىدىغان، چىقىشقاق ئاكا ئىدى.

ئىشچىلارنىڭ نەزىرىدە، شى جۇڭشۈن ئەستايىدىل ئاڭلايدىغان، تەپسىلىي سورايدىغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى دوستى ئىدى.

ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ نەزىرىدە، شى جۇڭشۈن ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەيدىغان، كادىرلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان ياخشى شۇجى ئىدى.

شى جۇڭشۈن ئىلگىرى شى جىنپىڭغا «سەن قانچىلىك چوڭ ئەمەلدار بولۇپ كەتسەڭمۇ، خەلق ئۈچۈن جان-دىل بىلەن خىزمەت قىلىش، پۇقرالار ئۈچۈن ھەقىقىي جان كۆيدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالما، ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان، چىقىشقاق ئادەم بول» دېگەن ئىدى.

 

2019-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا خىزمەت تەكشۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ-شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خۇاشى كەنتى، شى جىنپىڭ دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە پىيادە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئەھۋالىنى ئەمەلىي ئىگىلىدى.

شى جىنپىڭ ئاتىسىنىڭ تاپىلىغان ئىشلىرى ۋە تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمىدى.

شى جىنپىڭ «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى-بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دېگەن سەمىمىي نىيەتتىن «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالايلى» دېگەن كۈچلۈك ۋەدىگىچە، ئۇنىڭدىن يەنە «مەن-خەلقنىڭ چاكىرى» دېگەن ئەسلى مەقسەت ۋەدىسىگىچە؛ جۇڭگودىكى بارلىق مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنى كېزىپ چىقىشتىن جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم 40 مىليون نامرات نوپۇسنى 2020-يىلىغىچە نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇشقا ئىرادە باغلاشقىچە، ئۇنىڭدىن يەنە پۇقرالارنى «تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولىدىغان كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ ئازادە تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ ئېسىل مۇھىت، تېخىمۇ مول مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى»غا ئىگە قىلىشقىچە بولغان جەرياندا، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى چۆرىدەپ، بىر يۈرۈش پىلانلارنى ئاخىرىغىچە مۇكەممەل تۈزۈپ چىقتى.

جان-دىل بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاھان ئىشلىرىدا ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش

شى جۇڭشۈن «خەلققە، دۆلەتكە پايدىلىق بولسىلا، مەن شۇ ئىشنى قىلىمەن، تېخىمۇ دادىل ئىشلەيمەن» دېگەن.

شى جىنپىڭ «بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، قىيىن ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىدىيە، كۆز قاراشتىكى توسالغۇلاردىن باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈشىمىز ھەم مەنپەئەتتىكى قاتماللاشقان چىتلاقلاردىن باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈشىمىز كېرەك» دېدى.

شى جۇڭشۈن گۇاڭدۇڭدا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «چىڭيۈەن تەجرىبىسى»نى قوللاپ ھەم ئومۇملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن ئىدى. سۈرەتتە: شى جۇڭشۈن كارخانىدا خىزمەت تەكشۈرۈپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىسلاھات ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

 

توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەگرى-توقايلىقلاردىن قورقۇپ قالمىدى، شى جۇڭشۈننىڭ ئىسمى گۇاڭدۇڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى بىلەن زىچ باغلانغان ئىدى. ئۇ گۇاڭدۇڭ خەلقىنى ئالدى بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي ئېقىمىغا ئاتلىنىپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشقا يېتەكلەپ، گۇاڭدۇڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا «بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىشى» ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى.

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە خىزمەت تەكشۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شېنجېن ليەنخۇاشەن باغچىسىدا دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋەت قويدى.

 

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەرلىكتىكى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا گۇاڭدۇڭغا كېلىپ، «ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى نەق مەيداندا ئەسلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى.

2018-يىلى 10-ئايدا، شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم گۇاڭدۇڭغا بېرىپ، دۇنياغا «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ» دەپ جاكارلىدى.

يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات مۇساپىسىدا مۇھىم رول ئوينىدىغان پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، شى جىنپىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى.

ئۇ بىر يۈرۈش زور ئىستراتېگىيە، زور تەدبىرلەر، زور پىلانلار ئارقىلىق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى مىسلىسىز كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرى سۈردى.

 

جان-دىل بىلەن ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇش

 

شى جۇڭشۈن «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش-ئەڭ چوڭ پارتىيەۋىلىك» دېگەن ئىدى.

شى جىنپىڭ «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرغاندا، پارتىيەنى، دۆلەتنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە خىلاپلىق قىلغاندا، پارتىيە، دۆلەت خاتا يېتەكلىنىدۇ» دېدى.

سۈرەتتە: 1985-يىلى 11-ئايدا، شى جۇڭشۈن جياڭشى يېزىلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى يوقلاپ قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلىدى.

 

پەرزەنتلىرى شى جۇڭشۈننى ئەسلىگەندە، «ئاتىمىز پۈتۈن ئۆمرىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرغان، ھەرگىز كەينىگە يانمىغان، بولۇپمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە ئۇ ھەرگىز كەينىگە چېكىنمىگەن» دېدى.

داڭلىق سەنمېنشيا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى-ئون مىڭ چاقىرىملىق خۇاڭخې دەرياسىنىڭ 1-توسمىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى بەش يىللىق پىلاندىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەملىشىپ ياسىغان 156 نۇقتىلىق تۈرنىڭ بىرى ئىدى. قۇرۇلۇشنىڭ دەسلىپىدە پىكىر توپلىغاندا، شى جۇڭشۈن قارشى ئاۋاز بەرگەن. ئۇ ياردەم بېرىپ ياساشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھېچبولمىغاندا لاي تىنىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن قۇرۇلۇش قىلىش كېرەك دېگەن. ئۇ ئىلىم-پەن ھەقىقىي نەرسە، ھەممە ئىشنى ئېنىق قىلمىساق، بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە بولمىساق، سىناپ كۆرمىسەك، خالىغانچە ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارىغان.

سۈرەتتە: 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جۇڭيى يېزىسى خۇاشى كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى، يېزا-كەنت دوختۇرلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرى ھەققىدە پاراڭلاشتى.

 

شى جىنپىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا كۆپ كۆرۈپ، كۆپ ئاڭلىغان، ئاتىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ئىدى. 2012-يىلى، ئۇ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ 2-قارارلىق كۇرسانتلىرىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش-باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشىدىكى تۈپ تەلەپ، پارتىيەمىزنىڭ تۈپ ئىدىيەۋى ئۇسۇلى، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە رەھبەرلىك ئۇسۇلى، پارتىيەنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتىرى دەپ كۆرسەتتى.

ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى ئىگىلەشتە، ئامما ئارىسىغا، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شەرت. شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى «تەدبىر بەلگىلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش»نى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت دەپ تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئوبرازلىق ئوخشىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خۇددىي «ئون ئاي قورساق كۆتۈرگەنگە ئوخشايدۇ»، تەدبىر بەلگىلەش خۇددىي «تۇيۇقسىز يەڭگىگەنگە ئوخشايدۇ» دېدى.

«ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى چوقۇم بارلىق كەنتلەرنى كېزىپ چىقىشى، ۋىلايەت، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرى چوقۇم بارلىق يېزا-بازارلارنى كېزىپ چىقىشى، ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىلىرى چوقۇم بارلىق ناھىيە، شەھەر، رايونلارنى كېزىپ چىقىشى كېرەك». 1-سەپكە چوڭقۇر چۆكۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، 1-قول تەپسىلىي ماتېرىياللارنى ئىگىلەش-باشتىن-ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ خىزمەت ئىستىلى بولۇپ كەلدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ ئاياغ ئىزلىرى پۈتۈن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى، ئۇ مەھەللە، يېزا-كەنت، كارخانا، مەكتەپ، ھەربىي قىسىملارغىچە بېرىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەلرايىنى چۈشىنىپ، ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدەندى.

جان-دىل بىلەن تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش

شى جۇڭشۈن «بىز جۇڭگونى تونۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگونى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى.

شى جىنپىڭ «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ-قىممەتلىك بايلىق» دېدى.

سىم-يامغۇر بىلەن قاپلىنىپ تۇرغان شەنشى خۇاڭلىڭ دۆلەت ئورمان باغچىسى (2019-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تارتىلغان)

 

شەنشىدە تۇغۇلۇپ، ئۇزۇن مۇددەت غەربىي شىمالدا خىزمەت قىلغان شى جۇڭشۈن غەربىي شىمال رايونىنىڭ تاغ-دەريالىرى بىلەن بەك تونۇش ئىدى، كۆكەرتىشنىڭ غەربىي شىمالنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى.

ئۇ ئىلگىرى تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن «ئورمان ئارقىلىق غەربىي شىمالنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، قاقاسلىق، قۇملۇقنى يېشىللىققا ئايلاندۇرۇپ، دەل-دەرەخ يوق يەرلەردە دەل-دەرەخ ئۆستۈرۈش كېرەك» دېگەن ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە شى جۇڭشۈننىڭ ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى. غەربىي شىمال رايونىدا ھەممە يەرنى يېشىللىق قاپلاپ، تاغلىرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولدى، كىلىماتى ياخشى «دۆلەت ئورمان شەھەرلىرى» بارلىققا كەلدى.

 

سۈرەتتە: جېجياڭ يۈسۈندىكى «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ-قىممەتلىك بايلىق» دېگەن ئابىدە

 

تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقتىن ئىبارەت «ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى» دېگەن دەسلەپكى كۆلەمدىن يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىشكىچە، ئۇنىڭدىن يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشتا ياخشى ھەمتۈرتكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، بۈگۈنكى جۇڭگودا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان ئىلمىي ئىدىيە كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ كارتىنىسى تەدرىجىي نامايان بولۇشقا باشلىدى.

شى جىنپىڭ دەل مۇشۇ ئىدىيەنىڭ تەشەببۇسچىسى، بۇ ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكۈچىسى.

شى جىنپىڭ بىلەن ئاتىسى شى جۇڭشۈن ھەم بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئوپچە سۈرىتى

ئەسلى مەقسەت سەپىرى داۋاملاشماقتا.

ئاتىلىرىمىز شانلىق ئۈلگە بولۇپ، بىزگە قانداق قىلىپ پۈتۈنلەي خەلققە پايدىلىق ئادەم بولۇش ھەققىدە تەلىم بېرىدۇ.

ئېتىقاد تاغدەك مۇستەھكەم بولۇپ، كۈرەش داۋاملاشماقتا.

بىز ئاتىلىرىمىزنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئېلىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۈتۈۋالايلى!

 

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

ئاتا-بالا مېھرى ئائىلە-دۆلەت مۇھەببىتى