شى جىنپىڭ كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى
0
2019-06-21 09:37:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن پيوڭياڭدىكى جىنشيۇشەن مەرھابا مېھمانخانىسىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىمجۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، يولداش كومىتېت باشلىقى ئىككىمىز تۆت قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق، ھەمدە چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق. يولداش كومىتېت باشلىقى كىمجۇڭئۇننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم شەرىپىگە داغدۇغۇلۇق ۋە قىزغىن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت، بۈگۈن ئايروپىلاندىن چۈشۈپ مېھمانخانىغا بارغۇچە بولغان ھەممىلا جايدا جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى ھېس قىلدىم. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بۇ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىلگىرىدىكىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، مەن كومىتېت باشلىقى كىمجۇڭئۇن بىلەن پيوڭياڭدا يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتىم. بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى پۇختىلاش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كەلدىم. ئىشىنىمەنكى، بىز بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ پارلاق كەلگۈسىنى چوقۇم بىرلىكتە پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلىسەك شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىزكى، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكىدە چىڭ تۇرغان سوتسىيالىستىك دۆلەت جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ خاراكتېرى؛ ئورتاق غايىۋى ئېتىقاد ۋە كۆرەش نىشانى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى؛ ئالىي رەھبەرلەرنىڭ دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىستراتېگىيە ئارقىلىق يېتەكلەش جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى؛ جۇغراپىيەلىك ئورۇندا قوشنا بولۇش ۋە مەدەنىيەتلەر ئوخشىشىپ كېتىش جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا رېشتىسى. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارۇزۇسىغا، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، دەۋىر تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇن، بۇ ھەم ئىككى تەرەپ كەلگۈسى ئومۇلۇققا نەزەر تاشلاپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش بولۇپ، خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەر سەۋەبلىك تەۋرىنىپ قالمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى پۇختىلاش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش باشتىن ئاخىرى جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىۋاتقان ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچىلىك يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك. مەن كومىتېت باشلىقى كىمجۇڭئۇن بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ، سىياسىيدا بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى چىڭىتىپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى چىڭ تۇتۇشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئالاقە قىلىشنى كۈچەيتىپ، زور مەسىلىلەر ھەققىدە ۋاقتىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىشى؛ ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكالرىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشى كېرەك.

كىم جۇڭئۇن مۇنداق دېدى: مەن چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەنگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. يولداش باش شۇجى ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە چاۋشيەنگە زىيارەتكە كەلدى، بۇ چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە نىسبەتەن غايەت زور ئىلھام ۋە سىياسىي قوللاش، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، يولداش باش شۇجىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ 70 يىللىق تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرتقا چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى نامايەن قىلىدۇ. مەن يولداش باش شۇجىنىڭ چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مۇپەسسەل تەھلىلى ۋە كەلگۈسى پىلانىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس مەيدانى. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن ئورناتقان چوڭقۇر دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، يولداش باش شۇجى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، يولداش باش شۇجىنىڭ بۇ قېتىمقى چاۋشيەندىكى زىيارىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارالنىڭ تېنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى رايون تىنچىلىقى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۆتكەن بىر يىلدا يېرىم ئارال مەسىلىسىدە سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتەك شانلىق ئىستىقبال نامايەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۈمىدىگە ئېرىشتى. خەلقئارا جەمئىيەت چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق سۆھبەتلىشىشىنى ھەمدە سۆھبەتتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېرىم ئارال مەسىلىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر. بىز ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراققا نەزەر تاشلاش نۇقتىسىدىن ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشىنى توغرا پەملەپ، يېرىم ئارالنىڭ تېنچىلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغدايمىز. جۇڭگو يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇشنى قوللاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا شارائىت يارىتىدۇ. جۇڭگو چاۋشيەننىڭ ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى ھەمدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىنى ھەل قىلىشقا چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى، چاۋشيەن ۋە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە رايوننىڭ ئەبەدى ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

كىم جۇڭئۇن نۆۋەتتىكى يېرىم ئارال ۋەزىيىتىگە بولغان كۆز-قارىشىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، چاۋشيەن ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىجابىي تەدبىرلەرنى قوللاندى، ئەمما ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسىغا ئېرىشەلمىدى. چاۋشيەن بۇنداق بولۇشنى خالىمايدۇ. چاۋشيەن سەۋرچان بولۇشنى خالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ چاۋشيەن بىلەن تەڭ يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىگە ئالاقىدار سۆزلىشىش مۇساپىسىدا نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. چاۋشيەن جۇڭگونىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، يېرىم ئارالنىڭ تېنچىلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق سۆھبەتكە قاتناشتى.

چاۋشيەن تەرەپتىن، سۈي رۇڭخې، كىم زەيرۇڭ، رى سۇيۇڭ، رى يۇڭخو، كىم سۇگې قاتارلىقلار قاتناشتى.

640.webp (3).jpg
1124651013_1561056512016_title0h.jpg
شى جىنپىڭ كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى
1124650978_15610560781901n.jpg