شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن چاۋشيەننىڭ سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى
0
2019-06-21 09:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تۈنۈگۈن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى رى سولجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، پيوڭياڭ 1-ماي تەنتەربىيە مەيدانىدا چاۋشيەننىڭ ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ گىمناستىكا ۋە سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى.

شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت توققۇزدىن 40 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كىم جوڭئۇن بىلەن رەپىقىسى رى سولجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ رەئىس سەھنىسىگە كەلدى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ۋە تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

ئويۇن چىرايلىق ساليوتلار ئىچىدە باشلاندى. چاۋشيەننىڭ مەدەنىيەت ۋازىرى قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. بۇ ئويۇن-شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۈچۈن مەخسۇس ئەستايىدىل تەييارلانغان بولۇپ، چاۋشيەنلىك نەچچە ئون مىڭ ئارتىس ماھارەت كۆرسەتتى. ئويۇن چاۋشيەنچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، «سوتسىيالىزم بىزنىڭ ئائىلىمىز»، «غەلىبە ساداسى»، «تېخىمۇ گۈزەل ئەتىمىز ئۈچۈن»، «يېمىرىلمەس دوستلۇق»تىن ئىبارەت تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپتى، ئويۇندا، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە مەدھىيە ئوقۇلدى، چاۋشيەن خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى ھەم شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقى ئىپادىلەندى. چاۋشيەننىڭ ئۈچ چوڭ ئوركىستىرى، يەنى دۆلەتلىك ئوركىستىر، تۆھپىكارلار خور ئۆمىكى، سەنچىيۈەن سىمفونىيە ئوركىستىرى تەڭ ماھارەت كۆرسەتتى. پۈتكۈل ئويۇن ناھايىتى دەبدەبىلىك بولۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

ئويۇن «چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنىسۇن» دېگەن باش تېمىدىكى چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئاياغلاشتى. شى جىنپىڭ بىلەن كىم جوڭئۇن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، سەنئەتكارلار ۋە ئارتىسلارنىڭ ئېسىل ماھارىتىگە ئۇزۇنغىچە ئالقىش ياڭراتتى. ساليوتلار تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم چاقناپ، ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىردى. ئويۇن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپكە گۈل سېۋەت تەقدىم قىلىپ، ئويۇننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى رى سولجۇ بىلەن بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ، چاۋشيەنلىك سەنئەتكارلار ۋە ئاممىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

1124651013_1561056512016_title0h.jpg
1124650978_15610560781901n.jpg
شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن چاۋشيەننىڭ سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى