شى جىنپىڭ كىم جوڭئۇن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى
0
2019-06-21 16:52:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن پىيوڭياڭدىكى موڭرەن سارىيىدا ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

ھەيۋەتلىك موڭرەن سارىيىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ساراي مېھمانلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، داغدۇغىلىق خۇشال كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.

كەچ سائەت يەتتىلەردە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كىم جوڭئۇن ۋە رەپىقىسى رى سولجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇزۇنغىچە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

قارشى ئېلىش زىياپىتى باشلانغاندا، شى جىنپىڭ بىلەن كىم جوڭئۇن سۆز قىلدى.

كىم جوڭئۇن مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز چەكسىز خۇشال كەيپىياتتا ئەڭ ھۆرمەتلىك جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمىنىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن خانىمنى كۈتۈۋېلىۋاتىمىز. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو بىرلىكتە سوتسىيالىزم قۇرۇش جەريانىدا، بىر-بىرىگە ھەمدەم بولىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان، ھەمكارلىشىدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى ئاللىقاچان شەكىللەندۈردى. ئۆتكەن بىر يىلدا تۆت قېتىم ئۇچرىشىش ئارقىلىق، يولداش باش شۇجى ئىككىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇشنىڭ چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنى قوغداشنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق. بۈگۈن يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇپ، چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يىپيېڭى شانلىق سەھىپىسىنى يەنە ئاچتى. بايام يولداش باش شۇجى ئىككىمىز يېڭى دەۋردە چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. چاۋشيەن ئىلگىرىكىدەكلا جۇڭگو بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەپ، چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 70 يىللىق جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى تارىخىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئىككى تەرەپنىڭ پىشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلىپ، بىزگە ئورتاق قىممەتلىك بايلىق قالدۇردى. بايام كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن ئىككىمىز مول، نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە پىلانلاپ، بىر يۈرۈش مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدۇق: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇققا قەتئىي تەۋرەنمەي ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يېزىپ چىقىشى كېرەك، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، تىنچ سۆزلىشىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقى كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇننىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى يولغا قويۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىدى. بىز كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا داۋاملىق يېڭىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قەتئىي ئىشىنىمىز. جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچ، ئورتاق گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ.

قىزغىن، دوستانە كەيپىيات ئىچىدە، مېھمان بىلەن ساھىبخان دوستلۇق ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە سۆزلىشىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

زىياپەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ ئېھتىرامىنى قوبۇل قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن-تېخنىكا مىنىستىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مىنىستىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەر-ئايالغا گۈل تەقدىم قىلدى. قىزغىن دوستانە كەيپىياتتا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەر-ئايال ۋە كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن ئەر-ئايال كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

640.webp (3).jpg
1124651013_1561056512016_title0h.jpg
شى جىنپىڭ كىم جوڭئۇن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى
1124650978_15610560781901n.jpg