شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك «خەلق رازى مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-06-26 10:52:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

9-نوۋەتلىك مەملىكەتلىك «خەلق رازى مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنى ئەسلە مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرۇچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30دا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلگەندە، پۇتكۈل زالدا قىزغىن ئالقىش ياڭردى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پات-پات پاراڭلاشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇڭگو كومپارتيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى،مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى كۆرۈشۈششكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەمۇرلار كادىرلار قوشۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچى. مەمۇرلار تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخس ۋە كوللېكتىپتىن ئۆگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، ئەسلە مەقسەتنى ئۇنۇتماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، دەۋرگە، خەلققە، تارىخقا مۇناسىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «خەلق رازى بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئالىيجاناب ۋە مۇقەددەس شان-شەرەپكە ھۇسۇن قوشۇشى كېرەك.

9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «خەلق رازى مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى باھالاش-تەقدىرلەش پائالىيىتىنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن. يىغىندا «خەلق رازى بولغان مەمۇر»دىن 192 سى ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى »دىن 98 ى تەقدىرلەندى. شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 3-دەرىجىلىك ئالى باشقۇرغۇچىسى شۈ مىن،شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى تەلىم-تەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى جاڭ باۋگو، خەينەن ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ باۋتىڭ ناھىيەسى جياماۋ بازىرى گۇڭسۇن كەنىتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى سۈي ياۋدا، جۇڭگونىڭ ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ جىنسۇڭ قاتارلىق تۆت ۋەكىل يىغىندا سۆز قىلدى. #

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك «خەلق رازى مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى