بۇغداي پاخىلى يىغىۋېلىنىپ، گۆھەرگە ئايلاندى
0
2019-06-26 16:44:00
|
مەنبەسى:تىيانشان تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل
 

شەندۇڭ ئۆلكىسى رۇڭچېڭ شەھىرى تېڭجيا بازىرى شىتەن كەنتىدىكى دېھقانلار باغلانغان بۇغداي پاخىلىنى قاچىلاپ توشۇماقتا (6-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). 

شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇغداي ئورمىسى مەزگىلىدە، جايلاردىكى دېھقانلار بۇغداي پاخىلى باغلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يىغىۋېلىنغان بۇغداي پاخاللىرى پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە بۇغداي پاخاللىرىدىن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ياساپ سېتىلىپ، «گۆھەرگە» ئايلاندى.

(ۋاڭ فۇدۇڭ فوتوسى)

2019 ئەنخۇي بۇغداي پاخىلىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش كەسپى كۆرگەزمىسى خېفېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، بىر كىچىك دوست كۆرگەزمىدە بۇغداي پاخىلىدىن ياسالغان ھۈنەر-سەنئەت رەسىملىرىنى كۆرمەكتە (6-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). 

2019 ئەنخۇي بۇغداي پاخىلىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش كەسپى كۆرگەزمىسى خېفېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئېكسكۇرسىيەچى خۇەينەن شەھىرىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا بۇغداي پاخىلىدىن توقۇلغان كارتون ھايۋاننى سۈرەتكە تارتماقتا (6-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). 

خېبېي شىجياجۇاڭ شىنلې شەھىرى چېڭئەنپۇ كەنتىدە، شىنلې شەھىرى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقانلار ماشىنا ئارقىلىق بۇغداي پاخىلى باغلىماقتا (6-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). 

خېبېي ئۆلكىسى يۇڭچىڭ ناھىيەسى لىجياكوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇغداي پاخىلى يىغماقتا (6-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). 

2019 ئەنخۇي بۇغداي پاخىلىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش كەسپى كۆرگەزمىسى خېفېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر بۇغداي پاخىلىدىن توقۇلغان كارتون ئويۇنچۇقلارنى كۆرسەتمەكتە. 

خېبېي ئۆلكىسى يۇڭچىڭ ناھىيەسى لىجياكوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ماشىنا ئارقىلىق بۇغداي پاخىلى يىغماقتا (6-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). 

 
بۇغداي پاخىلى يىغىۋېلىنىپ، گۆھەرگە ئايلاندى