ئەركىن تۇنىياز ب د ت كشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە شىنجاڭنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئىشلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى
0
2019-06-27 11:13:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-قىتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى : جۇڭگو شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى، ھەم ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى مەنبەسىدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، يېنىك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلارنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلاپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭدا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى بولۇپمۇ خەۋىپسىزلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى : جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ۋە ئىزدىنىشنى خالايدۇ، كىشلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى، كىشلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە مەخسۇس ئالىي ئەمەلدارى ۋە كىشلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، گۈزەل، ھەقىقىي، مېھماندوست شىنجاڭنى چۇشۇنىشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىدۇ.

 

ئەركىن تۇنىياز ب د ت كشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە شىنجاڭنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئىشلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى