شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جېئىن بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-06-28 15:22:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكادا كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جېئىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقى تارىخىي ئېقىنغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى. جۇڭگو كورېيە بىلەن داۋاملىق بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى توغرا پەملىشى كېرەك؛ بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو-كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 2-باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، سودا، پەن-تېخنىكا، مالىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى كېرەك؛ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كورېيە خەلقنىڭ دوستلۇقىنى پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ھەمكارلىقى پۈتۈنلەي ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالدىغان ھەمكارلىق بولۇپ، تاشقى بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. كورېيەنىڭ داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قورۇقچىلىققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مۇن جېئىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىككىمىزنىڭ تەڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، كورېيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولدى. كورېيە جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كورېيە-جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 2-باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى بالدۇرراق تاماملاپ، كورېيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى؛ كورېيە جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇپ، 3-تەرەپ بازىرىنى ھەمكارلىشىپ ئېچىشنى؛ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىلىك، ئەركىن سودا ۋە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قوغداشنى خالايدۇ، بۇ كورېيەنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ھەپتە تەكلىپكە بىنائەن چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى، يېرىم ئارال ۋەزىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇم. بۇ قېتىم چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇش ۋە يېقىندىكى تۈرلۈك ئەھۋاللارغا قارىغاندا، يېرىم ئارال تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يەنىلا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئالدىن تاللىشىدۇر. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سۆزلىشىش، مەسلىھەتلىشىش، باسقۇچ بويىچە ماس قەدەمدە مېڭىش پىرىنسىپىغا بويسۇنۇپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى تەدرىجىي ھەل قىلغاندىلا ئاندىن چىقىش يولى تاپقىلى بولىدۇ. كېلەركى قەدەمدە، بىز سۆھبەتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرگە تەڭ خىزمەت ئىشلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ جانلىق بولۇپ، سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېرىم ئارال يادروسىزلىنىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چاۋشيەننىڭ مۇۋاپىق تەلىپىمۇ ئېتىبارغا ۋە ئىنكاسقا ئېرىشىشى كېرەك.

مۇن جېئىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇپ، يېرىم ئارالنىڭ سۆزلىشىش ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە ئىجابىي رول ئويناپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى. كورېيە بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. كورېيە جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانى ۋە ئەبەدىي تىنچلىق، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جېئىن بىلەن كۆرۈشتى
未标题-1.jpg