دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوساكادا ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-06-28 15:27:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوساكادا ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيا يۈز يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قايتىدىن چوڭقۇر شەكىللەنمەكتە، خەلقئارا ئەندىزە تېز ئۆزگەرمەكتە. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە تېخىمۇ كۆپ ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا ئىگە بولدى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ياپونىيەمۇ لىن خې دەۋرىگە كىردى. بىز يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئاكتىپ ئامىلغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا باشتىن-ئاخىرى ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ «ئۆزئارا ھەمكارلىق شېرىكلىرىدىن بولۇش، ئۆز ئارا تەھدىت پەيدا قىلماسلىق» تەك سىياسىي ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن-ئاخىرى تىنچلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت توغرا يولنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، 3-تەرەپ بازىرى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە پائال يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىز ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشىغا كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بەردى، ياپونىيەنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت رىشتىسىنى چىڭىتىپ، ئىككى دۆلەت ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئاممىسىنىڭ بىر بىرىنى چۈشىنىپ يېقىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەن يىل ئىچىدە جۇڭگو-ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى كېڭىشىش مېخانىزىمىنى يولغا قويۇشقا قوشۇلىمەن. سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى ئىجابىي باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ئىجابىي بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ياپونىيەنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش ۋە ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىپ، تارىخ قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، شەرقىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى سۆزلىشىش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ياپونىيەنىڭ يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، باشلىقلار يىغىنىدا كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش ئېنىق ساداسىنىڭ چىقىرىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم كۆزلىمە ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىشىنى كۈتىدۇ.

ئابې شىنزو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيەگە يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، جۇڭگونىڭ ياپونىيەنىڭ يىغىننى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، بىز جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باشلىقلار يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز.

ئابې شىنزو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى نورمال تەرەققىيات يولىغا كىردى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال. ياپونىيە «ياپونىيە-جۇڭگو تىنچلىق دوستلۇق شەرتنامىسى» قاتارلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سىياسىي ھۆججەتلەرگە ئەمەل قىلىپ، «رىقابەتنى ماسلىشىشقا ئايلاندۇرۇپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىق شېرىكلىرىدىن بولۇپ، ئۆز ئارا تەھدىت پەيدا قىلماسلىق»تەك ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، جۇڭگو بىلەن داۋاملىق بىرلىكتە تىرىشىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى ھەمدە ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسى ۋە سۆزلىشىشىنى ساقلىشى كېرەك، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنى كېلەر يىلى باھاردا ياپونىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلىمەن. ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل-مۇئامىلە، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنى بىر-بىرىگە ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئوچۇق، ئۆز-ئارا كەمسىتمەيدىغان بازار مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا دوستلۇق ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، بۇ يىلقى ياش ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى قويۇقلاشتۇرىدۇ. ياپونىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، شەرقىي دېڭىز قاتارلىق جەھەتلەردىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى، تۈرلۈك دۇنياۋى مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارغا قارىتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. ياپونىيە جۇڭگو ئويناۋاتقان مۇھىم رولغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەركىن، ئادىل سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈتىدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كۆز-قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى.

ئابې شىنزو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا چاۋشيەندە زىيارەتتە بولغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئىجابىي رول ئوينايدۇ دەپ ھېسابلايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئابې شىنزو شى جىنپىڭ شەرىپىگە كۈتۈۋېلىش كەچلىك زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوساكادا ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى
未标题-1.jpg