شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنشىش ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ ئوساكاغا يېتىپ باردى
0
2019-06-28 15:31:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابېشىنزونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناششى ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ 27 -كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئوساكاغا يېتىپ باردى.

شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئوساكا كانشى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئوساكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا كۈتۈۋالدى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كۇڭ شۈەنيۇمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى 6-ئاينىڭ 28 -، 29-كۈنى ئوساكادا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشكە بولغان قارىشى ۋە تەشەببۇسىنى چوڭقۇر شەرھلەيدۇ. يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى، جۇڭگو-رۇسىيە-ھىندىستان رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى، جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە بەزى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشىدۇ.

未标题-1.jpg
شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنشىش ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ ئوساكاغا يېتىپ باردى