شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى
0
2019-06-28 16:36:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوساكادا جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ سابىق ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافۇسا، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى مىسىرنىڭ زۇڭتۇڭى سېسى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگالنىڭ زۇڭتۇڭى سال ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. ئۇچرىشىشقا قاتناشقان رەھبەرلەر جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش قاتارلىق زور مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلتۇر 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى-جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ بەردى. جۇڭگو جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى، مەيلى ئايرىم كۈچلەر قانداق كاشىلا قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئەسلى مەقسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تېخىمۇ قويۇق بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق ئۈچ نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-بىز تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان تەرەققىياتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىمىز؛ جۇڭگو ۋە ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىللىق قارالمىسى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى توغرا تۇتاشتۇرۇپ، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، ھەقىقىي پايدا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو ھەقىقىي، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت، پايدا قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، ئافرىقىغا بەرگەن ۋەدىسىنى تولۇق نەقلەشتۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل قوللاپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ۋە بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىدۇ.

2-بىز ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىشنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بولۇپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تېخىمۇ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. خەلقئارا ئافرىقىغا قاراتقان ھەمكارلىقتا ئافرىقىنى ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ ئارزۇسىنى ھۆرمەتلەپ، ئافرىقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشى لازىم. ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان، ئۆزىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزى پايدا ئالىدىغان ھەر قانداق ئۇسۇل كىشى قەلبىگە ياقمايدۇ، قارشى ئېلىنمايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دۇنياۋى خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛ ئافرىقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارادىكى شېرىكلىرى بىلەن ئافرىقىدا 3-تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

3-بىز كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشقا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىمىز؛ مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھىرلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك قىلمىشى، مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيەسىگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى بىرلىكتە قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇۋاپىق تەلەپلىرى ۋە ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى پائال قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سەھنىلەردە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىپ، ئالاقىدار بايلىقلاردا ئافرىقىغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي تېرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلىكتە ئىجابىي كۈچ قوشۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان يېڭىچە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئۇيۇشتۇرۇشى-جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئافرىقا-جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. بۇلتۇر ئېچىلغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە ئەمدىلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، ھەرىكەتنى يېتەكچى قىلدى، ناھايىتى كۈچلۈك داۋاملاشما كاپالەت مېخانىزمىغا ئىگە بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ناھايىتى ياخشى ئىنكاس قايتۇردى. ئافرىقا جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا قوشقان پائال تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى ئۈلگە قىلىپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە پائال قۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان ئافرىقا-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئافرىقا بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودا سىستېمىسىنى بىرلىكتە قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىجابىي رول ئوينىدى. مەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى ۋە ئافرىقىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى قوللايدۇ.

ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

未标题-1.jpg