شى جىنپىڭ خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى
0
2019-07-02 18:43:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇشنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىغا توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چوڭ شەھەرلەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىغا قايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ1-سېپىگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، گۈزەل ياشلىق باھارى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى نامايەن قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلىق ناخشىسىنى ياڭراتتى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ياش يولداشلار يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە يارىتىشى كېرەك.

يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ ھايات ۋاقتىدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بەيسې شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئىدى. ئۇ 2016-يىلى بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدە ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتى بەيسېغا قايتىپ خىزمەت قىلغان. 2018-يىلى 3-ئايدا، يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ تەشكىلنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، لېيې ناھىيەسى بەينى كەنتىگە بېرىپ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، 88 ئائىلىدىكى 418 نامرات كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەپ، پۈتۈن كەنتتە نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتىنى %20 تىن كۆپرەك تۆۋەنلەتكەن. 2019-يىلى6-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، ئۇ بەيسېدىن لېيې ناھىيەسىگە قايتىش سەپىرىدە كەلكۈنگە ئۇچراپ بەختكە قارشى قازا قىلىپ، 30 ياشلىق قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

0 (1).jpg