شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بىلەن سۆھبەتلەشتى
0
2019-07-03 10:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بىلەن سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوئاننىڭ ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. ھەربىي ئوركىستىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئەردوئان شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە قايتىپ كېلىپ، ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ پارىتىنى كۆردى. ئارقىدىن، ھەربىي ئوركىستىر مۇزىكا ئورۇنلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى بىڭشۈەن، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى قاتارلىقلار ئەردوئانغا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى. ئەردوئان-شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولدى. قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ئەردوئان بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھۆرمەتلىك زۇڭتۇڭ ئەردوئان ئەپەندى، مەن سىزنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمەن. بىز ئالدىنقى ئايدا دۈشەنبىدە كۆرۈشتۇق، يېقىندا يەنە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا يىغىنىغا بىرلىكتە قاتناشتۇق، بۈگۈن يەنە بىر قېتىم بېيجىڭدا كۆرۈشتۇق، بۇ-ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە-مۇھىم گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى-مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەت سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردىكى يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بولىدىغان چوڭ ئىشلىرىغا ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم يولدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. جۇڭگو زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ھەر قانداق كۈچنىڭ تۈركىيەدە جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايمىز دەپ كۆپ قېتىم قايتا تەكىتلىگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، تۈركىيەنىڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، تۈركىيە بىلەن خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. تۈركىيە-«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىكى مۇھىم شېرىكىمىز. جۇڭگو تۈركىيە بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن-تېخنىكا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە ھەم زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلەر ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار بىلەن ئاممىنى جۇڭگو-تۈركىيە ھەمكارلىقىدىن ئەمەلىي پايدىغا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-تۈركىيە دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە غايەت زور ئۆزگىرىش بولماقتا. ئىككى تەرەپ رايون ئىشلىرىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئالاقىدار قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشى لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو، خەلئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىسىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغدىشىمىز، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوغدىشىمىز، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

ئەردوئان مۇنداق دېدى: مىڭ يىللىق قەدىمىي يىپەك يولى ئارقىلىق باغلانغان تۈركىيە-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە يەنىمۇ كۈچەيدى. قويۇق بولغان تۈركىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى-رايون تىنچلىقى، گۈللىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. تۈركىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر قايسى مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش جەريانىدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى-پاكىت، تۈركىيە ھەر قانداق ئادەمنىڭ تۈركىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشىغا يول قويمايدۇ. تۈركىيە ئەسەبىيلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. تۈركىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، تۈركىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا، سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، ئۇل ئەسلىھە، 5-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن تەتقىقات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

未标题-1.jpg
شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بىلەن سۆھبەتلەشتى