لى كېچياڭ 2019-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئالاھىدە سۆز قىلدى
0
2019-07-03 18:26:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن دالىيەندە 2019-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئالاھىدە سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يازلىق داۋوس مۇنبىرى يېڭى باشلامچىلاردىن ئىبارەت بۇ تېمىنى بېكىتكەن، بۇ ھازىرغىچە يەنىلا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەينى يىلى ئۆسۈپ يېتىلگەن نۇرغۇن كارخانىلار ھازىر تېخىمۇ زورايدى. بىز تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى، چوڭ كارخانىلار بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىش تىپىدىكى كارخانىلارنى بىرلىكتە ماھارەت كۆرسىتىش، ئادىل رىقابەتلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەشنى خالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى. بىز ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. قائىدە ئاساس، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز ياسىمىچىلىق كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشكە دائىر قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوغدايمىز. جۇڭگونىڭ چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئېچىۋېتىش دەرىجىسى، ئاشكارىلىق دەرىجىسى، كۆزلىمىلىكى بارغانسېرى يۇقىرى بولىدۇ، ئومۇمىي مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەھەتتە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلاندى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ كۆزلىمىگە ئۇيغۇن بولدى. ئەلۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە .

بىز بۇنىڭغا ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، تولۇق تەييارلىق قىلدۇق. جۇڭگونىڭ بازار كۆلىمى غايەت زور، ئادەم كۈچى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى مول، كەسىپلىرى تولۇق، مۇكەممەل، يېڭى قۇۋۋەت تېز ئۆسۈپ يېتىلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېتەرلىك ئېلاستىكلىققا، يوشۇرۇن كۈچكە ۋە زور ئىمكانىيەتكە ئىگە، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ .

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتىمىز. ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماكرولۇق سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» شەكلىدىكى كۈچلۈك قوزغىتىش ئۇسۇلىنى قوللانمايمىز، يايما يېيىش، يىرىك ئاشۇرۇشتەك كونا يولدا ماڭمايمىز. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىمىز. باجنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت» ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويىمىز. بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ بوشۇتۇپ، ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز .

نەق مەيداندىكى مېھمانلار لى كېچياڭنىڭ سۆزىگە كۆپ قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، لى كېچياڭ يەنە جۇڭگونىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادى قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شۋاب ۋە بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادېف، بېنگال زۇڭلىسى ھاسىنا، گىرۇزىيە زۇڭلىسى باختازې قاتارلىق سىياسىي ئەربابلار ھەمدە 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 1900 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.



未标题-1.jpg
لى كېچياڭ 2019-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئالاھىدە سۆز قىلدى