زىڭ جىچۈەنگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىشكە ھۆكۈم قىلىندى
0
2019-07-09 18:21:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

2019-يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى زېڭ جىچۈەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكار زېڭ جىچۈەننىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرەم قىلىندى، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ زېڭ جىچۈەن ئېرىشكەن پۇل-مال ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ.

قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى: 2004 - يىلىدىن 2017 - يىلىغىچە، جاۋابكار زېڭ جىچۈەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، نازىرلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يەر ئېچىشى، قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىشى قاتارلىق ئىشلىرىدا ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئالغان قانۇنسىز پۇل-مېلىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1 تىرىليون 480 مىليارد 928 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولغان.

فۇجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار زېڭ جىچۈەننىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قارىدى. زېڭ جىچۈەن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن بىر قىسىم جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلغانلىقى، ھارام مالنى ئاكتىپ قايتۇرغانلىقى، ھارام پۇل، ھارام مالنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى، قىلمىشىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە يېنىك جازا بېرىشكە چۈشىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلدى. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

زىڭ جىچۈەنگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىشكە ھۆكۈم قىلىندى
F201907081630450836701489.jpg