مەركەزۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيەقۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
0
2019-07-10 11:13:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى تېرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى تېرىشىپ پۇختىلاپ، ئىستىل تۈزىتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە، نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى-پارتىيە قۇرۇلۇشىدا جەزمەن ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى شەرت، بۇنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئورنى ۋە رولى بەلگىلىگەن. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ يېقىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى، ھەتتا باشقا ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن مۇھىم ئۈلگىلىك رولغا ئىگە. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشتا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن باشلاپ قاتتىق تۇتۇش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ چىڭ تۇتۇش شەرت.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى-پارتىيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇھىم تەجرىبىلەرنى جۇغلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلغاندىلا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي ئورگان بولۇشتەك روشەن خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ؛ پەقەت يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە باشتىن-ئاخىر ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ پەقەت مەركەزنى چۆرىدەپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا تېپىپ چىققىلى بولىدۇ؛ پەقەت ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي، پۇختا ئىشلىگىلى بولىدۇ؛ پەقەت دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەجرىبىلەرنى دادىل يەكۈنلىگەندىلا، ئاندىن ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ پەقەت پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتگۇرۇپپا، پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىلىرى باش بولۇش، يۇقىرى تۆۋەنگە باشلامچىلىق، ئورگان سىستېمىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش بولۇپ ئىككىنى قوغداش-مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ باش ۋەزىپىسى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار، 1-قول باشلىقلار خىزمەت قىلىشتا، ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، تۈپ لۇشيەنى، تۈپ ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەلىپى ۋە ئۆلچىمى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرىلاپ، سىياسىي مەيدانىنى چىڭىتىپ، سىياسىي پوزىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، چەتنەپ كېتىشنى دائىم تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىنى شۇ بويىچە قەتئىي ئورۇنلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەن ئىشلارنى قەتئىي توسۇشى؛ ئىككىنى قوغداشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۈنۈمىدە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈشى؛ پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈشى؛ باش بولۇپ ئىككىنى قوغداپ، ھەم يۈكسەك ھالدا ئىدراك جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈشى ھەم قەتئىي قوغداش ئىرادىسى ھەم ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش جەھەتتە ئالدىدا مېڭىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختىلاش جەھەتتە ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، قەتئىي ئېتىقادقا ئىگە بولۇشنى، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ياش كادىرلار ئارىسىدا سىياسىي نەزەرىيەنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئىرادىنى چىڭىتىش، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، سىياسىي خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شارائىت يارىتىپ كادىرلارنى كۈرەش ئەمەلىيىتىدە بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈش، كۆپنى كۆرۈش، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، كۈچلۈك بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاساسى قاتلامنى چىڭ تۇتۇشنىڭ روشەن يېتەكچىلىكىنى تۇرغۇزۇپ، تەشكىلىي كۈچنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۈچلۈك ئورگان ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى چېنىقتۇرۇپ كۈچەيتىش كېرەك. ئىككى باشتىن چىڭ تۇتۇپ، ئوتتۇرىدىكىلەرنى يېتەكلەپ، ئارقىدا قالغانلارنىڭ ئالدىدىكىلەرگە يېتىشىۋېلىشى، ئوتتۇرىدىكىلەرنىڭ ئىلغاردىن بولۇشى، ئىلغارلارنىڭ تېخىمۇ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» قاتارلىق تۈزۈملەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنى قىپقىزىل بايراققا، ھەر بىر پارتىيە ياچېيكىسىنى پارتىيە بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرىدىغان جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنى ئىلمىي جايىدا يولغا قويۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، پاك، دۇرۇس سىياسىي ئورگان بەرپا قىلىپ، ئاممىغا يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. «تۆت ناتوغرا ئىستىل»نى تۈزىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىشتەك ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ئاساسى قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىشلەشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، ئاساسى قاتلام ئەمەلىيىتىدە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى چوڭقۇر تەتبىقلاپ، ئىنتىزام تەربىيەسى، سىياسىي ئەخلاق تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىرىكلەشمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پاك بولۇش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش شەرت، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىقنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. پاك بولۇش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، تىرىشچان بولۇش بىلەن پاك-دىيانەتلىك بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جىددىي ئىشلارنى ئوبدان قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلارنىڭ ئۆلچىمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي جەھەتتە بىخۇد، ئىش بېجىرىشتە گالۋاڭ ئەمەلدار بولماسلىق، كۈن بويى يەپ-ئىچىشنىلا بىلىپ، ھېچنېمىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھۇرۇن ئەمەلدار بولماسلىق، مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىدىغان، ئالغا ئىنتىلمەيدىغان چاكىنا ئەمەلدار بولماسلىق، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان، ئاينىپ كېتىدىغان خىيانەتچى ئەمەلدار بولماسلىق كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئالاھىدىلىك ۋە قائىدىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ۋە توغرا ئىگىلەش شەرت. ئورتاقلىق بىلەن خاسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تەپەككۇرى ۋە تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ماھىر بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەشكە، توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز قانۇنىيەتلىك تونۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنى رولىنى ئۇزاققىچە جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن كەسپىي خىزمەتنى بىرلىكتە پىلانلاش، بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرلىكتە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. نىشان ئارقىلىق يېتەكلەش بىلەن مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم نىشاننى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش، ھەم مەسىلىنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىزلىقلارنى كۈچەيتىش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش بىلەن جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، تۈزۈم تۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش تېخىمۇ مۇھىم، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، رىئايە قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئىشنى تۈپ تۈزۈملەرنى چىڭىتىش، كۈندىلىك قائىدىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىدىيە، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇسۇل، ۋاستىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم ھالقا»نى چىڭ تۇتۇش شەرت. ھەر قايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتكوملىرى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى دەپ بىلىش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتماسلىقنى ۋەزىپىنى ئادا قىلالماسلىق دەپ بىلىش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتماسلىق خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق دېگەن ئىدىيەنى كۈچەيتىپ، «شۇجى تۇتۇش، شۇجىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى» ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئورگان پارتكوملىرى دىققەتنى ئاساسلىق مەسئۇلىيەت، ئاساسلىق كەسىپكە قارىتىپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەركەزدىكى ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېقىندىن ماسلىشىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتكوملىرىنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن پارتىيە خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە خىزمىتى كادىرلىرىنى سىياسىينى چۈشىنىدىغان، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پىششىق بىلىدىغان، كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سىردىشى بولىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى مۇپەسسەل بايان قىلدى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى بۇرچ ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمىتى، ئاچقۇچلۇق تەدبىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ شۆشياڭ خۇلاسىلە يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. مەركەز پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر قايسى تارماقلار، ئالاقىدار پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، دۆلەت ئىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەزۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيەقۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
F201907081630450836701489.jpg