شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەت تەكشۈردى
0
2019-07-17 17:43:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەت تەكشۈرگەن ھەمدە «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالى چېگرا رايونىدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 15-ۋە 16-كۈنلىرى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بۇ شياۋلىننىڭ ھەمراھلىقىدا مەھەللە-رايون، ئورمانچىلىق مەيدانلىرى، يېزا-كەنتلەر، ئالىي مەكتەپ، ئورگانلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايروپىلان بىلەن ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانخات شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن سۇڭشەن رايونى شىڭئەن كوچىسى لىنخۇاڭ مەھەللىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لىنخۇاڭ مەھەللىسى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئائىلىسى» ئۆزگىچە مۇلازىمەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلدى. شى جىنپىڭ مەھەللىدىكى پارتىيە-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى، بالىلار ۋە مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەھەللە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئائىلىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە مەھەللە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھەللىلەرنى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان چوڭ ئائىلىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى مەھەللە مۇھىتىنى پائال يارىتىش كېرەك.

ئۇلانمۇچىر رېپېتىتس زالى كۈلكىگە تولغان بولۇپ، لەرزان مۇزىكا سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى، مەھەللىدىكى ئامما ئۇلانمۇچىر ئەزالىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىدى. كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا ئەتراپىغا يېغىلىپ، خادا تەقدىم قىلدى. مەھەللىدىكى ئامما ئېسىل مىللىيچە ناخشىلارنى ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان مەدھىيەسىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇلانمۇچىر ئاممىغا ئەڭ يېقىن ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىل، ئۇنىڭ ۋاقتى مەڭگۈ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. يېڭى دەۋردە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ئەدەبىيات-سەنئەت خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پۇقرالىرى ئۈچۈن بىۋاسىتە خىزمەت قىلىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى پائال قوللاش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇلانمۇچىردىن ئىبارەت بۇ شەكىل پۇقرالار ئۈچۈن ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت. بۇنى پارتىيەمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىز تەشەببۇس قىلغان، قوللىغان ۋە يۆلىگەن، بۇ چوقۇم بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېڭەيتىش كېرەك. بۇ خىل شەكىل ھەقىقەتەن ئاممىغا يېقىن، پۇقرالار ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدا نۇرغۇن ئەنئەنىۋى، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىنغان. سىلەرنى تەبرىكلەيمەن!

ئۇلانخاتنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر. چۈشكە يېقىن، شى جىنپىڭ ئۇلانخات مۇزېيىغا كېلىپ، خۇڭشەن مەدەنىيىتى قاتارلىق تارىختىن بۇرۇنقى مەدەنىيەتنى قېزىش، قوغداش ئەھۋالى ۋە قىتان لياۋ مەدەنىيىتى، موڭغۇل يۈەن سۇلالىسى مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىڭ تارىخىي جەريانىنى ئىگىلىدى. مۇزېينىڭ 2-قەۋىتىدە، شى جىنپىڭ كىلاسسىك مىللىي تارىخى داستان «گېسار»نى ئورۇنداش كۆرگەزمىسىنى كۆردى ھەمدە «گېسار» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىنتايىن خۇشال بولدۇم! بۈگۈن سىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم ھەم سىلەرنىڭ ئويۇنۇڭلارنى كۆردۈم، ناھايىتى سېھېرلىككەن، تارىخ مەدەنىيەتنىڭ ساداسىنى ھېس قىلدىم. بىز ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتى، ئىپتىخارلىق بىلەن ئېيتىمىزكى، تارىخىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىغان مىللەت. بىزدە ھازىر 56 مىللەت بار، شۇڭا بىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش جەھەتتە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز، ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. بۈگۈن سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىرلەشكەن، ئەمما ئوخشاش بولمىغان كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، تارىخى ئۇزۇن، دۇنيادىكى ئۈزۈلۈپ قالمىغان، ھازىرغىچە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن بىردىنبىر مەدەنىيەت. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «گېسار» قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوللاپ ۋە يۆلەپ، ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. كىشىلەرنى توغرا تارىخ قارىشى، دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئۇلانخات شەھىرى قاراچىن قوشۇنى مائەنشەن ئورمانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مائەنشەن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئورمان ئەھيا قىلىش، ئورمان قوغداش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ ئاپتاپتا، ئەگرى-بۈگرى ئورمان يولىنى بويلاپ ئورمان رايونىغا كىرىپ، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئەمگەك قىلىۋاتقان ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

كۆپچىلىك باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئورمانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئورمان كۆلىمى يىلدىن-يىلغا ئاشتى، ياۋايى ھايۋانلار كۆپەيدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلاندى، تاپاۋەتمۇ كۆپەيدى، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ئىنتايىن مۇھىم، بىزنىڭ كۆچەت تىكىشىمىز ئاسان ئەمەس! شىمال ۋە پايتەخت ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك خىزمەت، بۇ بىزنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قىلىدىغان ئىشىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشقان دۆلەت. شۇنچە كەڭ دائىرىدە سۈنئىي ئورماننى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىشنى ئىلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدىلا قىلغىلى بولىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى پۇختىلاپ، بۇ ياپيېشىللىق، بۇ ساپلىقنى ياخشى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، ھاۋاسى ساپ جۇڭگونى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ خېنەن كوچىسى مائەنشەن كەنتىگە باردى. بۇ كەنت ئېكولوگىيە ئارقىلىق كەنت قۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق كەنتنى بېيىتىش، ساياھەت ئارقىلىق كەنتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تىزىملىك» شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ۋە كۈچلۈكلىرىنى يۆلەش ئارقىلىق نامراتلىرىنى يېتەكلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شى جىنپىڭ مائەنشەن كەنتىدىكى پارتىيە ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە كەنتنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. باش شۇجى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئائىلىسى، مېھرى-شەپقەت تاللا بازىرىدا كەنت باشقۇرۇشنىڭ تەرتىپلىك، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەسىپ- تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، كەسىپ گۈللەنسە، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشىدۇ. ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، كەنتكە قاراپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېرىشقا باب كەلسە تېرىش، بېقىشقا باب كەلسە بېقىش، ئورمان بىنا قىلىشقا باب كەلسە ئورمان بەرپا قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىنى كۈچەيتىپ، يېزا-بازار ۋە كەنتلەرنىڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مائەنشەن كەنتىدە خەنزۇ، موڭغۇل، مانجۇ قاتارلىق كۆپلىگەن مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

شى جىنپىڭ تۆت ئەۋلاد كىشىلىرى بىر ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كۆپ مىللەتلىك كەنت ئاھالىسى جاڭ گولىنىڭ ئۆيىگە كىردى. ھويلىدا قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، كاھىشلىق ئۆيلەر پاكىز، ئازادە ئىدى. جاڭ گولىنىڭ ئانىسى بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن بولۇپ، روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. باش شۇجى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي سالاملاشتى. شى جىنپىڭ ھويلا، مېھمانخانا، ياتاق ئۆي، ئاشخانا، ھاجەتخانىلارنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەر گۈللەندى، مۇھىت ياخشىلاندى، يېزا-كەنتلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. يېزىلارنىڭ ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى تۈزەش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى، كەنت قىياپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، يېزا-كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئۇلانخات شەھىرىدىكى 10 كادىر، ئامما ۋەكىلىمۇ ھويلىغا كىردى، باش شۇجى ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۇڭشەن رايونى دامياۋ بازىرى شياۋمياۋزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ خۇيجيې بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە باش شۇجىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتكە تەكلىپ قىلغان ئىدى، بۇ قېتىم باش شۇجى ئۇنى مائەنشەن كەنتىگە كېلىپ كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى ئىزچىل ئېسىمدە ساقلاپ كەلدىم، بۈگۈن مەن ۋەدىگە ئەمەل قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلدىم. كۆپچىلىك بەس-بەستە سۆز قىلىپ، باش شۇجىغا ئۆز كەنتىدە يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بەس-بەستە دوكلات قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. سىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ۋە 70 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنى كۆردۈم، بۇ بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ يولىدا ماڭغانلىقىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپتۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى:جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشنى ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. پارتىيەمىزنىڭ 90 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى ۋە 4 مىليوندىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بار، پەقەت باشتىن-ئاخىر ئەسلى مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئالىدىغانلا بولساق، ھەرقانداق مۇستەھكەم قورغاننى يىمىرىپ تاشلىيالايمىز. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشنى كۆزلىشى شەرت. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرالايدۇ، دۆلەت ئەبەدىي ئەمىن تاپالايدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. كومپارتىيە دېگىنىنى قىلىدۇ، چوقۇم قىلالايدۇ. مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بۇ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ جاڭ گولىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغاندا، يول بويىدا ساقلاپ تۇرغان يۇرتداشلار بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كۆكخوت شەھىرىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئىچكى موڭغۇل داشۆسىگە باردى. پارتىيەمىز مىللىي رايوندا قۇرغان تۇنجى ئۇنىۋېرسال داشۆ ئىچكى موڭغۇل داشۆسى مىللىي رايونلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. شى جىنپىڭ كۇتۇپخانىدا مەكتەپ قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، موڭغۇل تىل-ئەدەبىياتى تارىخىي نەتىجىلىرى كىتابلىرىنى كۆردى. موڭغۇل يېزىقىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىخانىسىدا نۇرغۇن تارىخىي مەدەنىيەت كىتابلىرى ساقلانغان بولۇپ، موڭغۇل مەدەنىيىتى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تارىخى خاتىرىلەنگەن. شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە پات-پات توختاپ تەپسىلىي قارىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: موڭغۇل قەدىمىي ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى قېزىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

يازلىق تەتىلدە، كۇتۇپخانىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش قىلىۋاتاتتى. كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، باش شۇجىنىڭ يېنىغا جەم بولدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي سالاملىشىپ، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياشلار كۈچلۈك بولسا جۇڭگو كۈچلۈك بولىدۇ. كەلگۈسىدىكى رىقابەت ياشلارنىڭ رىقابىتى، بۈگۈنكى ياشلار ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تايانچىسى ۋە تۈۋرۈكى. سىلەر يىراقنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، بىلىمنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، كەلگۈسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچىڭلارنى تەقدىم قىلىشىڭلار كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن ياشلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى، ئەقىللىكى، ھەممىڭلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىۋاتقانلىقى، ئىجابىي كۈچۈڭلارنى كۆرسەم خۇشال بولىمەن. كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارغا تۈرتكە بولىدۇ، كۆپتىن چىققان نەتىجە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. تىرىشىڭلار!

ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىگە باردى. شى جىنپىڭ تەبىئىي بايلىق مەمۇرىيەت زالىدا خىزمەتچى خادىملار ۋە ئىش بېجىرگۈچى ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاممىۋى قاراش ۋە ئاممىۋى لۇشيەننى ھەرقايسى خىزمەت ھالقىلىرى ۋە كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە تېخىمۇ قولايلىق ۋە تېخىمۇ خاتىرجەملىك يارىتىش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلققە قولاي مۇلازىمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتراپلىق ئويلىشىپ، بازارنى قانچە قويۇۋەتكەنسىرى ۋە بازارغا يۈزلەنگەنسىرى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى شۇنچە كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشتا «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك: بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىشنى باشتىن-ئاخىر خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىغا بولغان تونۇشىنى، پارتىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر سىنىقىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىشتە شەكىلۋازلىق قىلىشقا، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ، ھەر قېتىم يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى تەسىرات ھاسىل قىلىپ، كۈنسېرى توپلاش كېرەك. ئۆگىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان چۈشەنچىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشىگە بولغان چۈشەنچىنى، ئۆز مەسئۇلىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، مەسىلىلەرنى بايقاشقا بولغان تونۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، يىلتىزىدىن قېزىپ، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، ئۈچىنچى، ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىگە قاراپ توغرا تەدبىر قوللىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، توسۇشقا تېگىشلىك يوچۇقلارنى ياخشى توسۇش، تەنقىدلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەستايىدىل تەنقىد قىلىش، بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەم قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقىغاندا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال ئۆزگەرتىش كېرەك، كەينىگە سۆرەشكە، ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ. تۆتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن كۆزىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا سېلىشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلنى بېيىتىش كېرەك. پارتىيە ئىچى قانۇن-نىزاملىرى ئاز ئەمەس، ئاساسلىق مەسىلە شۇكى، ئىجرا قىلىش كۈچلۈك ئەمەس، بەزىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل، بەزىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش ئىشەنچىسى كەمچىل. شۇڭا قانۇن نىزام تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش، كەمكۈتسىز ئىجرا قىلىش كېرەك.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى خىزمىتى ۋە «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، موڭغۇل ئېتى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە تېز ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات تاشقى مۇھىتىدىكى خىرىس ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا كىردى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىغا جايلاشقان، تەبىئىي ۋە ئېكولوگىيە بايلىقى ئىنتايىن مول، مىللىي مەدەنىيىتى رەڭگارەڭ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىكرو سوبىكىتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزا رايونلىرىنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەش داۋامىدا يول تېپىپ چىقىپ، يايلاقنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يەرنىڭ قۇملىشىش، قاقاسلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، جىددىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» خىزمىتى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش تېمىلىق تەربىيەدە ئەسلى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىپ چىقىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۆگىنىش-تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى كۆرۈش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئىشلىگەنلەرنى ۋاقتىدا تەقدىرلەش، كۈچلۈك قانات يايدۇرمىغانلارنى ۋاقتىدا تەنقىد قىلىپ ئەسكەرتىش، كۆرۈلگەن سەۋەنلىكلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل ئېلىمىزنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ مەنبەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىنى ئورتاق قوغداپ، بىرلىكتە گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايوننىڭ يۈكسەك شان-شەرىپىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى ياكى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ كۆكخوتتا ئىچكى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مۇئاۋىن شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە تۈەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئىچكى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شۈ چىلياڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

 

 

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەت تەكشۈردى
未标题-1.jpg