شىنجاڭدا ئىككى ئەمەلدار تەكشۈرۈلدى
0
2019-08-05 14:33:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تورىدا مۇنداق خەۋەر بېرىلدى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەنۋەر تۇرسۇن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىشلىك بويىچە تەكشۈرۈلدى.

يەنە شۇ كۈنى، شىنجاڭدا يەنە بىر ئەمەلدارمۇ تەكشۈرۈلدى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك تەھقىقلىگۈچىسى يىن جيەنجياڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىشلىك بويىچە تەكشۈرۈلمەكتە.

خىزمەت تارىخىدىن قارىغاندا، تەكشۈرۈلگەن بۇ ئىككى ئەمەلدار ئوخشاشلا شىنجاڭدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت قىلغان. ئەنۋەر تۇرسۇن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىقتىسادىي تەپتىشلىك باشقارمىسىنىڭ كادىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىقتىسادىي تەپتىشلىك باشقارمىسى پۇل مۇئامىلە ۋە ئۇل قۇرۇلۇش ئىقتىسادىي تەپتىشلىكى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئىدارىسى تۇراقلىق مۈلۈك مەبلىغى ئىقتىسادىي تەپتىشلىكى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، يېڭىسار ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىسى، كونىشەھەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىك تەشكىلات خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

يىن جيەنجياڭ ئۇزاق مۇددەت جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى، كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بۈگۈر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، كورلا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، مۇپەتتىش باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك تەھقىقلىگۈچىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر ۋە سودىگەرلەر مۇلازىمەت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، گۇرۇپپا باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك تەھقىقلىگۈچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 2018-يىل 6-ئادا دەم ئېلىشقا چىققان.

ئاپتونوم رايون قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس. چېگرا رايون بولغان تەقدىردىمۇ يەرلىكنىڭ چىرىكلىككە قاتتىق قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى بوشاپ قالغىنى يوق. دىققەت قىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نۇرغۇن جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېرىكلىك ھادىسىلىرىنى تۈگىتىشكە دائىر بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان.

مەسىلەن، بۇ يىل 4-ئايدا، كورلا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-رېۋىزىيە كومىتېتى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە 10 كارخانىچىنى ئالاھىدە تەكلىپلىك نازارەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ، كەسىپنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار ۋە ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى خادىملارنى نازارەت قىلغان. بۇ كورلا شەھىرىنىڭ ئىناق ھەم پاك ھۆكۈمەت-سودا مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش يولىدىكى كونكرېت تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. كورلا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دەيدۇ: «ئىناق ھەم پاك ھۆكۈمەت-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە كارخانىچىلارنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشىغا موھتاج، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرانى ئېنىق تۇتۇپ، ھوقۇقنى تۈزۈم ۋە قائىدە ئىچىدە يۈرگۈزگەندە ئاندىن توغرا كەيپىياتتىكى سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.»

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېكەس ناھىيەسى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئالاقىدار ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلدىن بۇيان، تېكەس ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-رېۋىزىيە كومىتېتى ئەرزىيەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «خەت يېزىش، تېلېفون بېرىش، ئەرزىيەت سۇنۇش، توردا پاش قىلىش» قاتارلىق ئەرزىيەت-پاش قىلىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 61 كەنت، 15 مەھەللە بويىچە دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى قاتارلىق پائالىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىشنىڭ يول-ئۇسۇللىرى، قوبۇل قىلىش دائىرىسى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ خەۋەردار بولۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرگەن.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-رېۋىزىيە كومىتېتى «نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى»نى ئېلان قىلىپ، يىغىن چاقىرىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلەرنى يولغا قويۇش، مەبلەغنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەھلىل ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چېرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە دائىر 229 يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

دۆربىلجىن ناھىيىسى «قايتا زەربە بېرىش»كە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان. «قايتا زەربە بېرىش» دېگىنى كۆزىتىپ ۋە تەكشۈرۈپ بولۇنغان ئورۇنلارغا قارىتا يەنە بىر قېتىم «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى»نى قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسىلىنى ھەل قىلىش مەقسىتىگە يېتىشنى كۆرسىتىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ناھىيەلىك پارتكوم كۆزىتىش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسى كۆزىتىلگەن، تەكشۈرۈلگەن ئورۇنلارنىڭ مەسىلىنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-رېۋىزىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن يوچۇقسىز بىرلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردا كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، مەسىلىنى تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىرىكمە كۈچىنى ھاسىل قىلغان.

شىنجاڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى سىياسىي كەيپىيات ئۈزلۈكسىز ساپلاشماقتا، ساغلام ھەم پاكىزە سىياسىي كەيپىيات پەيدىنپەي شەكىللەنمەكتە.

1124835932_15649614181861n.jpg
W020190804634847622874.jpg
F201907301733467806702987.jpg