قاراڭ! ناراتقا بېرىشىڭىز ئاسانلاشتى
0
2019-08-05 14:36:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

7-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتى پىلانلىغان دۆلەت تاشيولى 218-لىنىيەسى دۆڭمازار-نارات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش تاماملىنىپ قاتناش باشلىنىشى مۇمكىن. بۇ يولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، غۇلجىدىن ناراتقا پۈتۈنلەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بارغىلى بولىدۇ، ئارىلىق ئەسلىدىكى بەش سائەتتىن ئۈچ سائەتكە قىسقىرايدۇ. مۇخبىرىمىز گۈلبەھرەم مۇختار بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 203 كىلومېتىر، يول ئاساسىنىڭ كەڭلىكى 26 مېتىر، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، لىنىيە بويىدا جەمئىي 19 چوڭ كۆۋرۈك، 24 جايغا ئاجرالما شەكىلدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈك، يەتتە جايغا ئۆتۈشمە كۆۋرۈك سېلىنغان، تۆت مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىنغان.

شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرىنچى باشقارمىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىنژېنېرى مەۋلان مەخەت بۇ يولنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

مەۋلان مەخەت: بۇ يول قۇرۇلۇشى 2016-يىلى 8-ئايدا باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكوم رەھبەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قوللىشى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەڭ ياخشى نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرغا بارغاندا تېخىمۇ تىرىشىپ كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، ھازىر قۇرۇلۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق، بۇ يول قۇرۇلۇشى يەنى دۆڭمازار-نارات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى غۇلجا-دۆڭمازار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغا تۇتاشتۇرۇلغان، دۆڭمازار، كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى، 72-تۈەن، زېكتە، تۈرگېن، ئارالتۆپە قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، ناراتتا ئاخىرلىشىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 203 كىلومېتىر، بۇ يول قوش يۆنىلىشتە تۆت ئاپتوموبىل يوللۇق 1-دەرىجىلىك تاشيول بولۇپ، يول ئاساسىنىڭ كەڭلىكى 26 مېتىر، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەندى.

بۇ تۈرنىڭ 1-بۆلىكى نىلقا ناھىيەسى كېلەڭ يېزىسى ئەتراپىغا جايلاشقان موسا ساي چوڭ كۆۋرۈكى، خېيشەنتۇ 2-نومۇرلۇق چوڭ كۆۋرۈكى، تالدېساي چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆۋرۈك تاغ جىلغىسىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ، كۆۋرۈك گۇندىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرى 60 مېتىرغا يېتىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرنىڭ پۈتۈشى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ يول تورى قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يول يۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، ساياھەت مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرىنچى باشقارمىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىنژېنېرى مەۋلان مەخەت:

پىلان بويىچە 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان دۆڭمازار-نارات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدىكى 38 ئورۇنغا ساياھەت كۆرسەتمە بەلگىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش بىلەن بىللە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ 13 ئورۇندىكى مەنزىرە نۇقتىلار ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتكە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ، ئىلى ئوبلاستىغا، بولۇپمۇ نىلقا، توققۇزتارا، كۈنەس، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ساياھەتچىلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ئۆتۈشمە باغلىما يول ئارقىلىق مەنزىرە رايونلارغا تېز سۈرئەتتە كىرەلەيدۇ، دۆڭمازار-نارات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يەنە ئىلى ئوبلاستىنىڭ مەنزىرە رايون بايلىقىنى مايتاغ-كۇچا تاشيولى بىلەن ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېلى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىغا تېخىمۇ راۋان كىرىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرىنچى باشقارمىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىنژېنېرى مەۋلان مەخەت قۇرۇلۇش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

دۆڭمازار-نارات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى داۋامىدا، دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدايدىغان قۇش تۈرى قىزىل قاراغوجا بۇ يەرگە كېلىپ كۆپىيىدىغان بولغاچقا، قىزىل قارىغۇچىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلۇشنى ئۈچ قېتىم توختاتتۇق.

1124835932_15649614181861n.jpg
W020190804634847622874.jpg