شى جىنپىڭنىڭ يېرىم يىللىق زىيارەت پائالىيىتىگە قايتا نەزەر
0
2019-08-05 14:46:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە پائالىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جانلاندى، بۇنىڭدا دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى باشلامچى بولدى، قىسقىغىنا ئالتە ئاي ئىچىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بەش قېتىم زىيارەتكە چىقىپ، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى 8 دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىي يۈز مەيداندىن ئارتۇق ئىككى تەرەپلىك پائالىيەتكە قاتناشتى، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شېرىكلىك، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا باشلامچىلىق قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولى ۋە مەسئۇلىيىتىنى نامايەن قىلدى.

بۇ يىل 3-ئايدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن غەلىبىلىك يېپىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا رەئىس شى جىنپىڭ ئىتالىيە، موناكو، فىرانسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتكە زىيارەتكە ئاتلىنىپ، بۇ يىللىق زىيارەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. بۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرىدە ھەم ئىككى تەرەپلىك دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىندى، ھەم ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك دائىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇلدى، شۇنداقلا كۆپتەرەپچىلىكنى قوغداشقا ئىشەنچ ئاتا قىلىندى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو فىرانسىيە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىگە قاتناشقاندا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تۆت چوڭ قىزىل رەقەمنى تۈگىتىشتە بولۇشقا تېگىشلىك تۆت چوڭ ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، تىنچلىق، تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ باش تېمىسى بولماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىقلارمۇ تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت نۇرغۇن ئورتاق خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، ئېغىر يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلار ئالدىدا، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۆت كوچىسىدا قايسى تەرەپكە مېڭىشنى تاللاشتا ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇنياغا مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن قاراپ تۇرغۇچىلاردىن ئەمەس پائال ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى تىرىشىپ ئۆز قولىغا ئېلىشى كېرەك.

6-ئايدىكى ئالدىراش دىپلوماتىيە ئېيىدا رەئىس شى جىنپىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم دېگۈدەك زىيارەتكە چىقىپ، يېڭى جۇڭگو دىپلوماتىيە تارىخىدا رېكورت ياراتتى. 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەمدە 23-نۆۋەتلىك سانكىت پېتربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى، بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان 8-قېتىم رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى، 31-قېتىم زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دوستلۇقى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم كاپالىتىگە ئايلىنىپ، يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 70 يىللىق تارىخىي تەجرىبە شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىناق ياخشى قوشنىلار، ئايرىلماس ھەقىقىي شېرىكلەردۇر، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى.

23-نۆۋەتلىك سانكىت پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى چۆرىدەپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقى تەشەببۇسىنى سىستېمىلىق شەرھىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو ۋە يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئالتۇن ئاچقۇچ، ئۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا يېقىنلاشقان، ئىدىيە جەھەتتە سىڭىشكەن بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانلار ۋە پۈتۈن دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ قول تۇتۇشۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى مەسئۇلىيىتىنى نامايەن قىلىپ، كۆپتەرەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر شارى كەنتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچ، خاتىرجەم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شۇنىڭدىن بەش كۈن ئۆتۈپ قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قىرغىزىستان، تاجىكىستانغا بېرىپ، بۇ ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتە ئەڭ ئالىي ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، باشلىقلار ئارىسىدىكى يېقىن دوستلۇق ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايەن قىلدى، زىيارەت مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستان، ئىران، ھىندىستان قاتارلىق يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگونىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، رايون خەۋپسىزلىك توسۇقىنى مۇستەھكەم ئورنىتىپ، رايون ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىشىنى تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا: ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق، ھەمكارلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاسىيا بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايون ھەمكارلىق ئىدىيەسى ۋە يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى تەرەپلەر ئىقتىساد سودا ئالاقىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھە دېسىلا قورۇقچىلىق، بىرتەرەپچىلىك بىلەن ئەمەس ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بىلەن باراۋەر سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانى ۋە كۆپتەرەپ سودا قائىدىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، جۇڭگونىڭ بۇ مەيدانى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق تەرەققىيات ھوقۇقىنى شۇنداقلا خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغدىغانلىق.

رەئىس شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 20-، 21-كۈنلىرى، چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم چاۋشيەننى زىيارەت قىلىشى. جۇڭگو-چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تارىخىي نۇقتىسىدا، يېرىم ئارال تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپلا قالماي، يېرىم ئارالنىڭ سىياسىي سۆھبەت مۇساپىسىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەي، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيەنىڭ ئوساكاغا بېرىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. ئىككى كۈن ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇدا 20 نەچچە مەيدان پائالىيەتكە قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شېرىكلىك، ھەمكارلىق روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورتاق تەرەققىيات تەشەببۇسىنى شەرھلىدى. باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇنقى رەقەملىك ئىقتىساد ئالاھىدە يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ قىياپىتى قايتا چوڭقۇر تىكلەندى:

ئۇ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان بازار مۇھىتى يارىتىش كېرەك. تەرەققىياتنى ئىشىكنى تاقىۋېلىپ يولغا قويۇشقا بولمايدۇ، بازارغا سۈنئىي ھالدا كاشىلا قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئىككىنچى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئىدارە قىلىش قائىدىسىنى ئورتاق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سانلىق مەلۇماتلاردىن بىخەتەر، تەرتىپلىك پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۈچىنچى، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ھاڭنى يوقىتىش لازىم. جۇڭگو رەقەملىك ئىقتىساد چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىپ، بازارنى ئېچىۋېتىشنى ساقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايدۇ.

ئوساكا باشلىقلار يىغىنى يىغىن مەيدانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئورتاق كەلگۈسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «تۆتتە چىڭ تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللايدىغان ئاساسىي ئېقىم ساداسىنى ياڭرىتىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشتى. باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى، جۇڭگو-رۇسىيە-ھىندىستان رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى، جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى قاتارلىق كۆپ مەيدان «كىچىك كۆپ تەرەپلىك» پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە ياپونىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى بەش قېتىملىق زىيارىتىدە، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئىككى تەرەپچىلىك، چوڭ دۆلەتلەر ۋە ئەتراپقىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەسىرىنى قايتا ئۆستۈرۈش، دىپلوماتىيەلىك ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى قايتا مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش بوشلۇقىنى قايتا كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىشەنچ بىلەن زىممىسىگە ئېلىشىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا بۇ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.

0.jpg
شى جىنپىڭنىڭ يېرىم يىللىق زىيارەت پائالىيىتىگە قايتا نەزەر
1124835932_15649614181861n.jpg