خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 7 يۈەندىن ئاشتى
0
2019-08-05 15:46:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

8-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى خەلق پۇلىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىر: نېمە ئۈچۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 7 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ؟

جاۋاب: بۈگۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ، يەتتە يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. لېكىن خەلق پۇلىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇلغا بولغان مۇقىملىقى ۋە كۈچلۈك ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىيالىشى بازار تەمىنلەش-ئېھتىياجى ۋە خەلقئارا پېرېۋوت بازىرىدا داۋالغۇش كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىنكاسى.

جۇڭگونىڭ يولغا قويغىنى بازار تەمىنلەش-ئېھتىياجىنى ئاساس قىلغان، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇل قىممىتىدىن پايدىلىنىپ تەڭشىلىدىغان، ھەم باشقۇرۇلىدىغان تۇراقسىز پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمى.

بازانىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇشىنى مۇشۇ مېخانىزم بەلگىلەيدۇ، بۇ تۇراقسىز پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنىڭ تېگىشلىك مەنىسى. يەر شارى بازىرى نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، پۇللار ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما باھا ۋە پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇشىمۇ نورمال ھالەت ھېسابلىنىدۇ، داۋالغۇش بولغاندىلا، باھا مېخانىزمى بايلىق تەقسىملەش ۋە ئۆزلىكىدىن تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئەگەر ئۆتكەن 20 يىلدىكى خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سالساق، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ سەككىز يۈەندىن ئاشقان ۋاقتىنىڭمۇ، يەتتە يۈەندىن ئاشقان ۋاقتىنىڭمۇ، ئالتە يۈەندىن ئاشقان ۋاقتىنىڭمۇ بولغانلىقىنى بايقايمىز. ھازىر خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى يەنە يەتتە يۈەندىن ئاشتى. چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يەردىكى يەتتە ئادەمنىڭ يېشى ئەمەس، ئۆتۈپ كەتسىلا كەينىگە يانمايدىغان ئىش بولمايدۇ، بۇ ھەم توسمىمۇ ئەمەس، كەلكۈن بۆسۈپ كەتسىلا ھەممە يەرگە كېيىپ كېتىدىغان ئىش يوق، سۇ مول مەزگىلىدە سۇ ئورنى يۇقىرىراق بولىدۇ، قۇرغاقچىلىق مەزگىلىگە كەلگەندە يەنە تۆۋەنلەيدۇ، بەزىدە ئۆرلەپ، بەزىدە تۆۋەنلەيدۇ، ھەممىسى نورمال ئەھۋال.

يېقىنقىدا خەلق پۇلى ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن ئاز-تولا قىممىتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تارىختىن قارىغاندا، خەلق پۇلىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئۆرلىگەن. ئۆتكەن 20 يىلدا خەلقئارا راسچوت بانكىسى ھېسابلىغان خەلق پۇلىنىڭ نامدىكى ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتى ئوخشاشلا %30 ئەتراپىدا ئۆرلىدى، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى %20 ئۆرلىدى، بۇ خەلقئارادىكى ئاساسلىق پۇللار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن پۇل ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل سىستېمىسىدا يەنىلا مۇقىم ئورۇننى ساقلاپ كەلدى، خەلق پۇلى باشقا پۇللارغا قارىغاندا قىممىتى ئېشىۋاتقان بولۇپ، CFETS خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى كۆرسەتكۈچى %0.3 ئۆرلىدى. 2019-يىلىنىڭ بېشىدىن 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى %0.53 تۆۋەنلىدى، بۇ شۇ مەزگىلدىكى كورېيە ۋونى، ئارگېنتىنا پېسوسى، لىرا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار پۇللىرىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىدىن كىچىك بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار پۇللىرى ئىچىدىكى بىر قەدەر مۇقىم پۇل ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇل ياۋرو، فوندستېرلىڭ قاتارلىق زاپاس پۇللاردىنمۇ كۈچلۈك.

مۇخبىر: خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 7 يۈەندىن ئاشقاندىن كېيىنكى يۈزلىنىش قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يۈزلىنىشى ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا ئاساسىي تەرەپكە باغلىق، قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا بازار تەمىنلەش-ئېھتىياجى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يۈزلىنىشىمۇ بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بازارلاشقان پېرېۋوت نىسبىتىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى باھا پىشاڭىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ماكرو جەھەتتە ئىقتىساد ۋە خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى تەڭشەشتىن ئىبارەت «ئاپتوماتىك مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. جۇڭگو بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تۈرلىرى تولۇق، كەسىپ سىستېمىسى بىر قەدەر مۇكەممەل، ئېكسپورت تارماقلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى كۈچلۈك، ئىمپورتقا تايىنىش دەرىجىسى مۇۋاپىق. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇشى جۇڭگونىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمىغا نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك تەڭشەش رولىغا ئىگە بولغاچقا، تاشقى پېرېۋوت بازىرى تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزى تاپالايدۇ.

ماكرولۇق قاتلامدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلدى، ئېشىش ئېلاستىكىلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولدى، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مالىيە ئەھۋالى مۇقىم بولدى، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلەندى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم مۇقىم بولدى، چېگرا ھالقىغان كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يېتەرلىك بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى تۈپ تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ پۇل سىياسىتى كەڭرىلىشىشكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدىكى پۇل سىياسىتىدە نورمال ھالەتنى ساقلاۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ قالدى، خەلق پۇلى مۈلكىنىڭ مۆلچەر قىممىتى يەنىلا تۆۋەن، مۇقىملىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغاچقا، جۇڭگونىڭ يەر شارى مەبلىغىنىڭ «ئويمىنى» بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇشىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، خەلق بانكىسى مول تەجرىبە ۋە سىياسەت جابدۇقلىرىنى توپلىدى ھەمدە جابدۇق ساندۇقىدا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى بېيىتتى. تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىجابىي ئىنكاس ھەرىكىتىگە قارىتا، زۆرۈر، قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىسقا مۇددەتلىك ھايانكەشلىككە قەتئىي زەربە بېرىپ، تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ مۇقىم يۈرۈشىشىنى قوغداپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. خەلق بانكىسىنىڭ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنى مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم قىلىشتا تەجرىبىسى، ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارى بار .
مۇخبىر: خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ 7 يۈەندىن ئېشىشى كارخانا ۋە ئاھالىلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

جاۋاب : ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى، دۆلىتىمىز تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇشتا ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قولايلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ 7 يۈەندىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ بۇ سىياسەت يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ.

ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى ۋە باشقا پۇللارغا بولغان ئۆرلەش ۋاقتى كۆپ، تۆۋەنلەش ۋاقتى ئاز بولدى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئاساسلىق پۇل مۇئامىلە مۈلكى خەلق پۇلى جەھەتتە ئەڭ ياخشى قوغدالدى، ئۇلارنىڭ تاشقى سېتىۋېلىش كۈچى مۇقىم ئاشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشى، چېگرا سىرتىدا مال سېتىۋېلىشى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇشىدىن ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

كارخانىلارمۇ شۇنداق. بىز كارخانىلارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ-خەتىرىدىن زىيادە ئەندىشە قىلىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز، كارخانىلارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق پېرېۋوت نىسبىتىدىن ساقلىنىشىنى قوللايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، نۆۋەتتە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشىشىمۇ مۇمكىن، ئۆسىشىمۇ مۇمكىن، قوش يۆنىلىشلىك تۇراقسىزلىق دائىملىق ھالەت بولۇپ، كارخانىلا ئەمەس، ھەتتا كەسپىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ پېرېۋوت نىسبىتىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ.

شۇڭا، بىز كارخانىلارغا ئەمەلىي كەسىپ بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىپ، زېھنىي كۈچىنى پېرېۋوت نىسبىتى يۈزلىنىشىگە ھۆكۈم قىلىش ياكى پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشقا قارىتىۋالماستىن، «خەۋپ-خەتەرگىلا ئېسىلىۋالماسلىق» تەك مالىيە ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تاشقى پېرېۋوت ھاسىلىي بۇيۇمى ئىشلەپچىقىرىشتا تاشقى پېرېۋوت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتىكى ئېنىقسىزلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاساسىي تىجارەت كەسپىدە پايدا يارىتىشنى مەقسەت قىلىپ، تاشقى پېرېۋوت ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى سودىسىنىڭ ئۆز پايدىسىنى كۆزلىمەسلىك تەكلىپىنى بېرىمىز.

0.jpg
خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 7 يۈەندىن ئاشتى
1124835932_15649614181861n.jpg