چەتئەلگە قاچقان تۆت جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى
0
2019-08-06 17:07:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، يۈ داڭ دۆلىتىمىزگە قايتۇرىۋېتىلدى.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان يۈ داڭغا جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، يۈ داڭ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، لىن شۈنتاۋ دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىندى.
8-ئاينىڭ 1-كۈنى، دېلو بېجۈرگۈچى ئورگان لىن شۈنتاۋغا قالدۇرۇپ قويۇش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى.


8-ئاينىڭ 2-كۈنى، جەن ۋېيشېڭ دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

 

 

يېقىندا، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارالىق قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىپ، كامبودژانىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرىغا مەركەزلىك تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنۇپ، كامبودژاغا يوشۇرۇنۇۋالغان ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە جىنايەتكە چېتىشلىق مۇھىم كىشىلەر بولغان يۈ داڭ، جەن ۋېيشېڭ، لىن شۈنتاۋ، شياڭ خېڭدانى قولغا ئالغان.

بۇ قېتىملىق ھەرىكەت، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىنكى، تۇنجى قېتىم باش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش جەھەتتە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق قانات يايدۇرغان مەركەزلىك تۇتۇش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىجرا قىلىش شەكلى بىلەن قاچقۇنلارنى تۇتۇپ، زاڭ ماللارنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ كونكرېت نامايەندىسى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. قولغا ئېلىنغان تۆت ئادەم ئىچىدە، يۈ داڭ «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان يۈز نەپەر جىنايەت گۇماندارى» بولغان شى ياڭنىڭ خىيانەت قىلغان پۇللىرىنى يۆتكەپ بەرگەن، جەڭ ۋېيشېڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق، شياڭ خېڭدا ھۆكۈمەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق، لىن شۈنتاۋ پارا بېرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق. 8-ئاينىڭ 1-، 2-كۈنلىرى، يۈ داڭ، جەن ۋېيشېڭ، لىن شۈنتاۋ قاتارلىق ئۈچەيلەن قانۇن بويىچە دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. شياڭ خېڭدا كامبودژادا باشقا جىنايەتلەرگىمۇ چېتىلغانلىقتىن، كامبودژادا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ كېلىش تەرتىپى قايتا قوزغىتىلىدۇ.

مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە، چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن تۆت نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ قېچىپ كەتكەنلەرنى چوقۇم تۇتۇش، ئاخىرىغىچە قوغلاشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسىنى تولۇق نامايەن قىلىپ، دۆلەت سىرتىنىڭ قانۇن سىرتى ئەمەسلىكىنى، چەتئەلگە قېچىپ كېتىشنىڭ قۇتۇلۇش يولى بولالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ يىل جۇڭگو-كامبودژانىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىق يىلى، بۇ قېتىملىق ھەرىكەت جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، ئىككى تەرەپنىڭ قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ ماللارنى قايتۇرۇپ كېلىش جەھەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىقىنى نامايەن قىلدى. بىز ئالاقىدار دۆلەت، رايونلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قانۇنىي ۋاستىلەر ئارقىلىق تۇتۇپ كېلىمىز. چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىلەرگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىزكى، خام-خىيالدىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىپ، ئاكتىپلىق بىلەن دۆلىتىمىزگە قايتىپ كېلىپ ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈڭلار.

0.jpg
1124835932_15649614181861n.jpg