شىنجاڭدىكى ئاتا-ئانىلارغا خۇشخەۋەر
0
2019-08-06 17:11:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

بالىلار مەكتەپتىن بەك بالدۇر قويۇپ بېرىلگەچكە، تېخى ئىشتىن چۈشمىگەن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلەلمەي قالىدۇ. بۇ ئەھۋال چوقۇم كۆپ ئائىلىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقى. بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولىدىغان بولدى مانا!

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلىش ۋاقتى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىنىڭ ئۇدۇل كەلمىگەنلىكىدەك مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق كۆپ تارماق بىلەن بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى سىناق نۇقتىدا قانات يايدۇرۇش خىزمىتىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ يىل 9-ئايدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئوقۇش باشلانغاندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى، قاراماي شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق ئالتە جايدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشنى سىناق نۇقتىدا قانات يايدۇرۇشنى بېكىتكەن. 2020-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۈەنگە قاراشلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئادەتتە ھەپتىنىڭ بىرىدىن ھەپتىنىڭ بەشىگىچە، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن باشلىنىدىكەن، پىرىنسىپ جەھەتتە كۈندە ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى بىر سائەتلىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە قاتناشقان ھەربىر ئوقۇغۇچىدىن ھەر مەۋسۈمدە ئېلىنىدىغان ھەق ئۆلچىمى 200 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا بېرىشنى ئۆزى ئىختىيارى تاللىسا بولىدۇ

دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى مەكتەپتە نورمال تەربىيە، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن باشقا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىختىيارلىقى ئاساسىدا، بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىش، مەكتەپتىن ئېلىپ كېتىشى تەس بولغان ئائىلىلەرگە قارىتا، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتىپى ئاساس بولۇپ ئۈستىگە ئالىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى، ئومۇميۈزلۈك بولمىغان مۇلازىمەت.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ دېيىشىچە، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئاساسلىقى بۇ مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتە قاتناپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، مېيىپ بالىلار، ئاتا-ئانىسى سىرتقا ئىشلىگىلى كەتكەن بالىلار، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتلىرى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلار ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق ئوقۇغۇچىلار توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە ئاتا-ئانىلارغا مۇلازىمەت ۋاقتى، ئۇسۇلى، مەزمۇنى، ئۆلچىمى، بىخەتەرلىك كاپالىتى چارىسى قاتارلىقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ ھەمدە مەكتەپتىكى ئېلان تاختىسىدا ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانا ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى ئاتا-ئانىلار ئۆزى خالاپ بەلگىلەيدۇ ھەمدە بۇ توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرلاپ ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا مەجبۇرلاش ئۇسۇلىدا قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ھەرقايسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىر تۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ. يېزا مەكتەپلىرىدە بۇ مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش ياكى قانات يايدۇرماسلىقنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ.

ۋاكالىتەن باشقۇرۇش نامى بىلەن كوللېكتىپ ھالدا دەرس ئۆتۈش ياكى دەرس تولۇقلاش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ

«يېتەكچى پىكىر»دە، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى باھانە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا يازمىچە ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىشكە، كوللېكتىپ دەرس ئۆتۈش ياكى دەرس تولۇقلاش، يېڭى دەرس ئۆتۈشكە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە باشلانغۇچ 1-يىللىق، 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق، ئەمەلىيەت پائالىيىتى، قول سېلىپ ئىشلەش ۋە تەكرار ئاساس قىلىنىدۇ، 3-يىللىق ۋە 3-يىللىقتىن يۇقىرى ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق، دەرس تەكرارلاش، قىزىقىش گۇرۇپپىسى، ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئاساس قىلىنىدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرارلاش، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىش، دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق، قىزىقىش گۇرۇپپىسى، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئاساس قىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر ۋە ئۆگىنىشتە قىينالغان ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ.

ھەربىر ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سىنىپىغا ئاز دېگەندىمۇ بىر ئوقۇتقۇچى سەپلەش كېرەك

خادىم سەپلەش جەھەتتە، «يېتەكچى پىكىر» دە مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىنغان: ئەمەلىي ئادەم سانىغا قاراپ سىنىپ تەشكىللەش، سان ئاز بولسا يىللىق ئاتلاپ سىنىپ تەشكىللىسىمۇ بولىدۇ، ھەربىر ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سىنىپىغا ئاز دېگەندە بىر ئوقۇتقۇچىنى مەسئۇل قىلىش كېرەك.

بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى مەكتەپ بىر تۇتاش سەپلەيدۇ، مەكتەپ بۇ مۇلازىمەتنى باھانە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەۋسىيە قىلسا، ساتسا بولمايدۇ. ئەگەر ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە قاتناشمايدىغان بولۇپ، ھەق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقچى بولسا، مەكتەپكە يېزىقچە ئىلتىماس قىلىپ، ئاشقان پۇلىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.

«يېتەكچى پىكىر» دە ھەرقايسى مەكتەپلەردىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ مۇلازىمەتكە قاتنىشىش جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى تەلەپ قىلىندى. بۇ مۇلازىمەتكە قاتناشقان ئادەم سانى، مەزمۇنى، ۋاقتى، ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا قارىتا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ماتېرىياللارنى ساقلاپ، جەرياننىڭ ئېنىق بولۇشى تەلەپ قىلىندى. ھەرخىل شەكىلدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن كوللېكتىپ دەرس ئۆتۈش ياكى دەرس تولۇقلاشنىڭ بىرسى بايقالسا بىرسىنى تۈزەش، ئەھۋال ئېغىر بولغاندا، ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

0.jpg