ئازادلىق ئارمىيە شياڭگاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلىشامدۇ؟
0
2019-08-08 09:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ قوماندانى چېن داۋشياڭ يېقىندا شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئەسەبىي زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى شياڭگاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرى مۇنداق سوئال سورىدى: چېن داۋشياڭنىڭ پوزىتسىيەسى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىش ئېھتىماللىقى بار يوقلىقىغا ۋەكىللىك قىلامدۇ ؟ گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ گۇاڭ بۇنىڭغا ئۈچ جۈملە سۆز بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.

ياڭ گۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

بىرىنچى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 92 يىللىق شانلىق مۇساپە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر بىر پارچە مۇقەددەس زېمىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى چەكسىز ئىشەنچلىك، چەكسىز قۇدرەتلىك كۈچ.

ئىككىنچى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەم ھەيۋەتلىك قوشۇن، شۇنداقلا مەدەنىي قوشۇن. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىدۇ. شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىممۇ ئوخشاشلا قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدۇ، نېگىزلىك قانۇن ۋە قوشۇن تۇرغۇزۇش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي زور كۈچ بىلەن قوللىشى، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بولسىلا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە شياڭگاڭ ساقچى ئەترىتى زوراۋانلىق جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاشتا تولۇق ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ۋە تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.

ياڭ گۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ ئۈچ جۈملە سۆز بىر مۇكەممەل سىستېما، ئەگەر يەنە بىر جۈملە سۆز ئارتۇق گەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا بۇ جۈملە سۆز مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بولغان قوللىشىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بولىدۇ، مەركەز ‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش› پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە تېگىشنىڭ جازالانماسلىقىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ، شۇنداقلا شياڭگاڭدا ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت تىزگىنلىيەلمەيدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مالىمانچىلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ».

ئازادلىق ئارمىيە شياڭگاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلىشامدۇ؟