خۇشخەۋەر! «يېشىل گىگانت ئادەم» ئەتىدىن باشلاپ قاتنايدۇ
0
2019-08-08 15:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

1-دەرىجىلىك ئورۇن 172 يۈەن

2-دەرىجىلىك ئورۇن 108 يۈەن

خۇشخەۋەر

8-ئاينىڭ 8-كۈنى شىنجاڭ تۆمۈر يولى بۇ يىلدىكى 10-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەيدۇ. ئۈرۈمچىدىن كورلىغا «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز تۇنجى قاتنايدۇ!

ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بېرىشقا 3 سائەت 38 مىنۇتلا كېتىدۇ

ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئۈچ جۈپ «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز قاتنايدۇ. 1-جۈپ C8802/3 قېتىملىق پويىز 9:05 دە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، 12:48 دە كورلىغا يېتىپ بارىدۇ. C8804/1 قېتىملىق پويىز 8:50 دە كورلىدىن يولغا چىقىپ، 12:42 دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ. 2-جۈپ C8806/7 قېتىملىق پويىز 13:30 دە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، 17:08 دە كورلىغا يېتىپ بارىدۇ. C8808/5 قېتىملىق پويىز 13:14 دە كورلىدىن يولغا چىقىپ، 16:53 دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ. 3-جۈپ C8810/1 قېتىملىق پويىز 17:32 دە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، 21:28 دە كورلىغا يېتىپ بارىدۇ. C8812/9 قېتىملىق پويىز 17:30 دا كورلىدىن يولغا چىقىپ، 21:21 دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 2-جۈپ پويىز بىۋاسىتە بارىدۇ، C8806/7 قېتىملىق پويىزنىڭ ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئۈچ سائەت 38 مىنۇتتىلا يېتىپ بارىدۇ. ئەسلىدىكى «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» شەھەرلەر ئارا پويىزىنىڭ پۈتۈن مۇساپىگە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىدىن 15 مىنۇت قىسقىرايدۇ.

1-دەرىجىلىك ئورۇندىن 56 سى بار

2-دەرىجىلىك ئورۇندىن 664 سى بار

«فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىزنىڭ بېكىتىلگەن ئادەم سانى 720 بولۇپ، 1-دەرىجىلىك ئورۇندىن 56 سى، 2-دەرىجىلىك ئورۇندىن 664 ى بار. بېلەت باھاسى 172 يۈەن ۋە 108 يۈەن.

ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، كۇيتۇن قاتارلىق جايلارغىمۇ «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز يولغا قويۇلىدۇ، كونكرېت قاتناش ۋاقىتلىرى ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.

خۇشخەۋەر! «يېشىل گىگانت ئادەم» ئەتىدىن باشلاپ قاتنايدۇ