قىرغىزىستان سابىق زۇڭتۇڭ ئاتامبايېۋنى قولغا قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنى قوللاندى
0
2019-08-08 17:29:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئاخبارات ئىدارىسى8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئالاھىدە قىسىمى شۇ كۈنى سابىق زۇڭتۇڭ ئاتامبايېۋنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى قوللاندى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى:دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئالاھىدە قىسمى شۇ كۈنى پايتەخت بېشكەك شەھىرى ئەتراپىدىكى كۆي - تاش كەنتىدىكى ئاتامبايېۋ تۇرالغۇسىغا بېرىپ ، ئاتابايېۋنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى قوللاندى. نۆۋەتتە ھەرىكەت يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان ۋىدېئودىن كۆرسىتىلىشىچە، ئاتامبايېۋنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئالاھىدە قىسىم بىلەن توقۇنۇشقان.قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاز دېگەندە 10 ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىدە يارىلانغان، ئالاھىدە قىسمنىڭ بىر ئەسكىرىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.

 

قىرغىزىستان سابىق زۇڭتۇڭ ئاتامبايېۋنى قولغا قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنى قوللاندى