ياز پەسلىدە تەڭرىتېغىغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇر ئېلىش
0
2019-08-07 17:08:55
|
مەنبەسى:تىيانشان تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

2019-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، نۇرغۇن ساياھەتچى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق يايلىقى توققۇز ئەگىم سەيلىگاھىدا ساياھەت قىلدى.

ياز كۈنلىرى كىشىلەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل تاغلىق-ئويمانلىقلار، نۇرغۇن مۇزلۇق دەريالار، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ. تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەبىئىي مەنزىرىسى بار، بۇ يەردە سىز ئويلىيالايدىغان گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ: كۆپكۆك ئاسمان، لەيلەپ يۈرگەن ئاق بۇلۇت، ئاپئاق قارلىق چوققىلار، ئەگىپ يۈرگەن تۇمانلار، گىرەلىشىپ كەتكەن تاغ جىلغىلىرى، توغرىسىغا كەتكەن دەريا-ئېقىنلار، كۆپكۆك كۆل سۇلىرى، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېقىنلار، ئەگرى-بۈگرى قەدىمىي يوللار، بۈك-باراقسان شەمشادلىق، بولۇق ئۆسكەن خۇش پۇراق ئوت-چۆپلەر، رەڭگارەڭ گۈللەر، قاپتاللاردا يايلاپ يۈرگەن پادىلار، ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنلىرى، گىرەلىشىپ كەتكەن ئېتىزلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، قاتمۇقات، رەڭگارەڭ، بىر قەدەمدە بىر خىل مەنزىرە، خۇددى جەننەتكە ئوخشاش گۈزەل مەنزىرىلەر ئاجايىپ-غارايىپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل رەسىملەر توپلىمىنى ھاسىل قىلغان.

 

1.jpg
640.webp (3).jpg
F201908071606365556703570.jpg
ياز پەسلىدە تەڭرىتېغىغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇر ئېلىش
F201908081435534586703626.jpg
F201908091454434036703709.jpg