يەر ئېلىشتا ھۆكۈمەتتىن مۇنۇلار تەلەپ قىلىنىدۇ
0
2019-08-27 16:22:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

8-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ماقۇللاندى، يەر ئېلىش جەھەتتە يەر ئېلىش تەرتىپى ئىسلاھ قىلىنىپ، ھۆكۈمەتتىن يەر ئېلىشتىن بۇرۇن يەر ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، يەنە يېرى ئېلىنىدىغان دېھقانلار بىلەن كېڭىشىش، زۆرۈر بولغاندا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش، دېھقانلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن ئاندىن يەر ئېلىش ئىلتىماسىنى بېجىرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىلىدىغان يەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش تەلەپ قىلىندى. يەر تۆلىمى بېرىش جەھەتتە، بۇرۇنقى يەرنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى ئۆلچەم قىلىپ تۆلەم بېرىشتىن، رايونلاردىكى ئۇنىۋېرسال يەر باھاسى بويىچە تۆلەم بېرىشنى ئىجرا قىلىشقا ئۆزگەرتىلدى. رايونلاردىكى ئۇنىۋېرسال يەر باھاسىدا يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى نەزەرگە ئېلىنغاندىن باشقا، يەنە رايون ئورنى، شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇلۇپ يەر باھاسى بېكىتىلىدۇ.

كوللېكتىپ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر جەھەتتە، بۇرۇنقى يېزىلاردىكى يەرنى دۆلەت ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن ئاندىن بازارغا سېلىش مەسىلىسى ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى بىۋاسىتە ئاشۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرلەرنى بازارغا سالغاندا، قانۇندا چوقۇم كەنت ئاھالىلەر ۋەكىللىرى يىغىنى ياكى كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا ئۈچتىن ئىككى نىسبەتتىن يۇقىرى ئەزالار قوشۇلغاندا ئاندىن بازارغا سېلىش تەلەپ قىلىندى.

ئۆيلۈك يەرنى باشقۇرۇش جەھەتتە، دۆلىتىمىز ئۆيلۈك يەرلەرگە قارىتا بىر ئائىلىلىككە بىر ئۆي بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويغان، بىر قىسىم ئادەم كۆپ، يەر ئاز جايلاردا، ئۆيلۈك يەرلەر بىر قەدەر قىس بولۇشى مۇمكىن، بۇ قېتىمقى قانۇندا بۇ خىل ئەھۋاللارغا نىسبەتەن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئامال تېپىپ باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتتا ئۆيلۈك يەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەرلەرنى پىلانلاپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتىنى ياخشىلاشقا قولايلىق ئېلىپ كېلىش ئېنىق تەلەپ قىلىنغان.

企业微信截图_15667245174513.png
企业微信截图_1566721788743.png
يەر ئېلىشتا ھۆكۈمەتتىن مۇنۇلار تەلەپ قىلىنىدۇ