قاراڭ! بۇ ياخشى سىياسەتلەر سىزنى كۈتمەكتە
0
2019-08-27 18:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

8-ئاينىڭ 23-كۈنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» نى ئېلان قىلدى. «پىكىر» دە توققۇز تۈرلۈك سىياسەت، چارە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىستېمالدا خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان چارە، ئىستېمالنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، ئىستېمال سىناق نۇقتىسى ئۈلگە كۆرسىتىش، دەم ئېلىش كۈنى ۋە كېچىلىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇشنى، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار بار.

مەنزىرە رايونى بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى بېكىتىش

*جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى ئەرزانلىتىش ياكى ھەقسىز قىلىش، مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت سۇس پەسىلدە ھەقسىز ئېچىۋېتىش، ئويۇن بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى بېكىتىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال پەسلى، ئىستېمال ئېيى، سىپىرلىق مەدەنىيەت ساياھەت ئىستېمالىنى ھېس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

*قانۇن بويىچە، قائىدىگە ئۇيغۇن ئەھۋال ئاستىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بانكا كارتىسىنى تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن سودىگەرلەرگە ئېتىبار بېرىش، مۇددەتكە بۆلۈپ ئىستېمال قىلىشتەك ئابۇنت ھوقۇقىنى بېرىش كېرەك.

*مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى كىرېدىت كەسپى مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىستېمال كىرېدىت رەنە قويۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوخشىمىغان ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل نىسبىتى، مۆھلىتى ۋە قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇلىدىكى كىرېدىت مەھسۇلاتىنى ئېچىش كېرەك.

ئىستېمالنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

*مەدەنىيەت ئىستېمالىنى تۈرلۈك ئىستېمال سورۇنلىرىغا كىرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، مەھەللە تۇرمۇش ئۇنىۋېرسال مەركىزى، شەھەر يېزا خەلققە قولايلىق ئىستېمال مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىقلارغا تايانغان ئاساستا ئاممىنىڭ يېنىدىكى مەدەنىيەت تور نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

*قانۇن، قائىدە بويىچە ئەنئەنىۋى ئويۇن قويۇش مەيدانلىرى ۋە مۇزېيلار ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش، تاماقلىنىش رايونى، تاماشىبىنلار دەم ئېلىش رايونى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى نامايەن قىلىش سېتىش رايونى، كىتابخانا قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق سەپلەش كېرەك.

*ئويۇن قويۇش، مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش، مەنزىرە رايونلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى كەڭ كۆلەمدە ئىنتېرنېت تورىدا بېلەت سېتىش، ئىككى كود ئارقىلىق بېلەتنى تەكشۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. شارائىتنى ھازىرلىغان ھەمدە ئابۇنىتلارنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك جايلاردا 5G تورىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

*2022-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال سورۇنىدا نەق پۇلدا چىقىم قىلغاندىن باشقا، بانكا كارتىسى ۋە كۆچمە چىقىم قىلىشنى قوللاش، توردا بېلەت سېتىش ۋە 4G/5G تورىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى %90 تىن ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

مەنزىرە رايونىنىڭ بېلىتىنى ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى كېڭەيتىش

*بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، نۇقتىلىق لىنىيە ۋە ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ساياھەت تاللىشى بىلەن تەمىنلەش. مەنزىرە رايونى لايىھەلىنىشىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ساياھەت لىنىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

*مەنزىرە رايونى بېلىتىنى ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى كېڭەيتىپ، كۈنلۈك ئەڭ كۆپ مېھمان كۈتۈۋېلىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. 2022-يىلىغا بارغاندا، دۆلەت ئىلىكىدىكى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدا بېلەتنى ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ.

چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ماس كېلىدىغان ساياھەت لىنىيەسىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇش

*جايلارنى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان بىر تۈركۈم ساياھەت لىنىيەسىنى، ساياھەت مەنزىلىنى، ساياھەت سەنئەت نومۇرلىرىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ھەمدە ئۆزگىچە تاۋارلارنى تەشۋىقات سۇپىسىدا تەۋسىيە قىلىش كېرەك.

*مەنزىرە رايونىدىكى مەنزىرە نۇقتىسى، تاماقلىنىش تۇرالغۇ، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئايرودۇرۇم، بېكەت قاتارلىق ئورۇنلاردىكى كۆپ تىلدىكى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

*بانكا كەسپى، پۇل-مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ قانۇن، تۈزۈم بويىچە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايونغا تارماق ئورۇن تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش. چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىشىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساياھەتچىلەر ئىستېمالىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

*2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇرسىتىدە چېگرادىن كىرىش ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسەت چارىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش.

دەم ئېلىش كۈنى ئىقتىسادى ۋە كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

*مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدارە بىلەن خىزمەتچىنى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شەخسنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى، دەم ئېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن تارقاقلىشىپ دەم ئېلىشنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش.

*شارائىتى بار ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى بىخەتەرلىككە، ئاھالىلەرگە دەخلى قىلمىغان ئاساستا كېچىلىك ساياھەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش. كېچىلىك مەدەنىيەت سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش بازىرىنى موللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت سورۇنلىرىدىكى كېچىلىك يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، ئويۇن قويۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، 24 سائەتلىك كىتابخانا قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش.

*2022-يىلىغا بارغاندا، 200دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت، ساياھەت ئىستېمال توپلاشقان رايون قۇرۇلۇپ، كېچىلىك مەدەنىيەت، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ كۆلىمى ئىزچىل كېڭەيتىلىدۇ.

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، قانۇن تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ

*مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنغا، قائىدىگە خىلاپ تىجارەت قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىنىڭ بىخەتەر باشقۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ساياھەت ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە بولغان نازارەت، باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ.

*بازارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ كىرېدىت خاتىرىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە دۆلەت كىرېدىت ئۇچۇر ھەمبەھر سۇپىسى ۋە دۆلەت كارخانىلار كىرېدىت ئۇچۇر ئېلان قىلىش سىستېمىسىغا تەدرىجىي كىرگۈزۈپ، مەدەنىيەت بازىرى قارا تىزىملىكى ۋە ساياھەت بازىرى قارا تىزىملىكىدىكى بازار ئاساسىي گەۋدىسى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بىرلەشمە جازا بېرىش.

*2022-يىلىغا بارغاندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرى تەرتىپى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ ياخشى قوغدىلىدۇ.

企业微信截图_15667245174513.png
企业微信截图_1566721788743.png