يەنە بىر چوڭ يولۋاس تەكشۈرۈلدى!!!
0
2019-08-28 18:04:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لى چيەن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغاچقا، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رىۋېزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

لى چىيەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:  

لى چيەن، ئەر، خەنزۇ، 1960-يىل 3-ئايدا تۇغۇلغان، شىجياجۇاڭ جىنجۇدىن، 1983-يىلى 5-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، 1976-يىلى 3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار سىنىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
 

1976.03-1978.12 جىنشيەن ناھىيەسى ۋەنجۇاڭ كەنتىگە زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن.

1978.12-1986.05 ئۆلكىلىك ھەربىي رايون تەلىم-تەربىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، شېنزې ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان.

1986.05-1988.11 شېنزې ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ ماتېرىيال خادىمى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، گۇرۇپپا باشلىقى بولغان.

1986.05-1988.11 كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شېنزې ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

1989.03-1989.10 شىجياجۇاڭ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان.

1989.10-1992.12 شىجياجۇاڭ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، بۆلۈم دەرىجىلىك، مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك ماتېرىيال خادىمى بولغان.

1992.12-1995.02 جاۋ شيەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم ( 1991.09-1994.07 نەنجىڭ سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ ماركسىزم قائىدىلىرى كەسپىدە ئوقۇغان) بولغان.

1995.02-1997.01 شىجياجۇاڭ شەھىرى شەھەر ئەتراپى رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رايون باشلىقى ( 1993.08-1995.12 مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنى سىرتتىن ئوقۇتۇش سىنىپىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان) بولغان.

1997.01-1997.02 شىجياجۇاڭ شەھىرى شەھەر ئەتراپى رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت رايون باشلىقى بولغان.

1997.02-1998.01 شىجياجۇاڭ شەھىرى شەھەر ئەتراپى رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى بولغان.

1998.01-2000.11 شىنلې شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. (1997.09-2000.01 ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار سىنىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)

2000.11-2001.03 شىجياجۇاڭ شەھىرى شەھەر ئەتراپى رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

2001.03-2000.07 شىجاجۇاڭ شەھىرى يۈخۇا رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

2001.07-2006-03 باۋدىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان

2006.03-2009.11 باۋدىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى (ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي خىزمىتىنى قىلىشقا تەقسىم قىلىنغان)

2009.11-2010.01 باۋدىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان.

2010.01-2012.12 باۋدىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

2012.12-2017.03 خېڭشۈي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

2017.03-باشلاپ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خېڭشۈي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، 9-نۆۋەتلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. (تەرجىمىھال خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تورىدىن ئېلىندى.)