شى جىنپىڭ جۇڭگوقىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-09-03 11:20:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 11-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ چىشەنلەر كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 11-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھىر-شەپقەت، تۆھپە قوشۇش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل كىرېست ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن كۆرۈشۈشكە ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا يېتىپ كەلدى، پۈتكۈل مەيداندا گۈلدۈرقاراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ، پاراڭلاشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

سۈن چۈنلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەمدە ئېچىلىش مۇراسىمىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 10- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە قىزىل كىرېست ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا قىزىل كىرېست خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، توغرا يۆنىلىشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كۈچلىرىنى توپلاپ، ھاياتلىق ساغلاملىقىنى قوغداپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلىپ، خەلقئارا ياردەم بېرىش، ئەل ئارىسى دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن جۇ رىياسەتچىلىك قىلدى، قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ رەئىسى موررېل ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى خەلقئارا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى روكا سۆز قىلدى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شۇجىچۇسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى لى يۈفۇ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، يىغىندا 47-نۆۋەتلىك جۇڭگودىن نايتىنگال مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى شۇنداقلا مەملىكەتلىك قىزىل كىرېست سىستېمىسىدىكى 32 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 10 ئىلغار خىزمەتچى تەقدىرلەندى.

دىڭ شۆ شياڭ، ياڭ جېچى، خۇاڭ كۈنمىڭ، شياۋ جېلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، چېن شى، ۋاڭ يوڭ، ۋاڭ يىلار كۆرۈشۈشكە ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

22222222222.jpg
1124939039_1567091943199_title0h.jpg
F201908281647081456700574.jpg