شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-17 16:41

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل ئىككى يىغىن مەزگىلىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالتە قېتىم ئۆمەكلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىپ، مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئۈستىدە ئۆز ئارا كېڭەشتى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسى پىلاننى بىرلىكتە تۈزدى.

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

1.پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خەلقنى پۈكتى. 8-مارت باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىلگىرىلىگەنسېرى قىيىنچىلىق شۇنچە زورىيىدۇ، بەزىلىرى ھەسسىلەپ كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. خېيلوڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ئاھالىسى دۇ چۈەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپنىڭ سۆزىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىرادىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ بۇ روھنى ئۇرغۇتىدۇ، كىشىلەرنى ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بېنجۇ شەھىرىدىن بولغان جاڭ جيەنفاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئەقىل ئارقىلىق يۆلەش ئىشنىڭ يولى، بۇنىڭدا ئىرادە ئارقىلىق يۆلەش نېگىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر بازىرى نۇرلۇق مەھەللىسىدىكى 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئارزۇگۈل مۇھەممەد ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم دېدى، بۇمۇ بىزنىڭ ئورتاق ئىستىكىمىز. ھالاكەت دېڭىزى بولغان تەكلىماكان قۇملۇقى ئۆيىمىزنىڭ يېنىدا بولسىمۇ، تۇرمۇشىمىز باياشات ئۆتۈۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى.

2. زىيالىيلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

پەن تېخنىكا ھۆججەت نەشرىياتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان لو شياۋتاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى سۆزىدە 22 قېتىم زىيالىيلارنى تىلغا ئالدى، زىيالىيلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، ئىشلاردا پائال رول ئويناشقا رىغبەتلەندۈردى، بۇ زىيالىيلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىك. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە پەن تەتقىقات يۇرتلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھۆكۈمەت زىيالىيلارنىڭ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا پايدىلىق بولغان يۇمشاق دېتال مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلماقتا.

بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونىدا يەسلى مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان لۈ ۋېيۋېي مۇنداق دېدى: زىيالىيلار دۆلەت ئۈچۈن تەكلىپ بېرىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن ئاۋاز بېرىدۇ. مېنىڭچە ئالدى بىلەن دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدىن ئىبارەت ئۈچ قاراش توغرا بولۇشى كېرەك.

3.تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش شاخمىتى ياخشى ئوينالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي، لياۋنىڭ، ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا يېڭىلىق يارىتىشنى بىردەك تىلغا ئالدى. شاڭخەي فۇدوڭ يېڭى رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېڭ زۇلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى ئېچىۋېتىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىناق رايونى قۇرۇش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشقا تىرىشىدۇ.

بېيجىڭ سانائەت ۋە تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتىش يولىنى تاللاپ شېنياڭدا ئىگىلىك تىكلىگەن جاڭ شۇزې مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش يولى گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن باش شۇجىنىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىشەنچىم تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.