شى جىنپىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيخەي شەھىرىدە خىزمەت تەكشۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 17:15

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

19-ئاپرېل باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيخەي شەھىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ : دېڭىز ئىقتىسادىنى ياخشى يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى سەھىپىسىنى ياخشى ئېچىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

بېيخەي شەھىرى خېپۇ خەن دەۋرى مەدەنىيەت موزىيىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ دېڭىز يىپەك يولى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. ساپال قاچا قۇچىلار، بىرونزا، ئالتۇن، كۆمۈش ئەسۋابلىرى،كىرىستال ھېقىقە، كەھرىۋاھ دېگەندەك قېزىپ چىقىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خېپۇنىڭ دېڭىز يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش بېكىتى بولغانلىقىدەك تارىخقا شاھىت بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ يىلى، ئالاھىدىلىكى، كېلىش مەنبەيىنى سوراپ بىلىۋالدى، قەدىمكى يىپەك يولى سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى ۋە ئاڭلاپ بولۇپ، بۇ يەردە مول مەدەنىيەت غەزىنىسى باركەن دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇزېينىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنى چۆرىدەپ كۆرگەزمە قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇزېي قۇرۇلۇشىدا ھەممە مۇزېي ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مۇزېيلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇشى كېرەك، يەنە مۇزېي قۇرۇلۇشىدا شەكىل جەھەتتىكى چوڭلىقنى قوغلاشماسلىق، مۇۋاپىق بولۇش، سىغىمچانلىقىغا، ئۇنىڭ ئورنىغا ماس كېلىش، شەكىلنى قوغلاشماسلىق كېرەك.

19-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي گۇاڭشىنىڭ بېيبۇۋەن قولتۇقىغا جايلاشقان بېيخەي شەھىرى تېشەن پورتى ئاممىۋىي پىرىستانىنى كۆزدىن كەچۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پىرىستان پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئاڭلىدى، گۇاڭشى بېيبۇۋەن قولتۇقى ئىقتىسادى رايونى قۇرۇلۇشى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى ئەھۋالىنى ئىگەللىدى ئۇ مۇنداق دېدى: دېڭىز ئىقتىسادىنى ياخشى يارىتىش كېرەك، تېشەن پورتى ناھايىتى ياخشى قۇرۇلۇپتۇ، بىرىنچىدىن شارائىتى ياخشى ئىكەن، ئورنىمۇ مۇھىمكەن، تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭكەن، كەلگۈسىدە بېيبۇۋەن قولتۇقى ئىقتىسادى رايونىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم يۆلىكى بولالايدىكەن، پورت قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم، بىزنىڭ دېڭىز ئىقتىسادىمىز، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد، باي بولاي دېسەڭ يول ياسا دېگەن گەپ بار،سىلەرمۇ باي بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پورت ياسىشىڭلار كېرەك.

تېشەن پورتى ئاممىۋىي پىرىستانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشچىلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن خېپۇدىكى خەن دەۋرى موزىيى ۋە تېشەن پورت پىرىستانىدا تەكشۈرۈشتە بولدۇم، بۇ بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بېيخەي شەھىرى قەدىمكى يىپەك يولى تارىخىغا ئىگە، بىز ھازىر يېڭى ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ قالدۇرۇشىمىز كېرەك.

ھازىر بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ چىقىرىلغىنىغا ئۈچ يىل بولدى، بۇنىڭغا خەلقئارا جەمئىيەت ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، بۇ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ كىشىلەر كۆڭلىگە ياقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بىز بىر بەلباغ بىر يول رامكىسى ئىچىدە جۇڭگونى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرى ئۇلۇغ مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، قول تۇتۇشۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى.

19-ئاپرېل كەچتە باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بېيخەي جىنخەيۋەن قولتۇقى مانگروۋا ئورمىنى ئېكولوگىيەسى قوغدىلىدىغان رايوننى تەكشۈردى، ئۇ ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ مانگروۋا ئورمىنىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى پەرۋىش ئەھۋالىنى ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈردى، مانگروۋا ئورمىنىنىڭ ئوكيان مۇھاپىزەتچىسى، دېڭىز ئورمىنى سۈپىتىدە دېڭىز ئوكياننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تەپسىلىي ئىگەللىدى، ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ياخشى تەتقىق قىلىپ ۋە قوغداپ، دېڭىز ئوكيان جانلىقلىرى كۆپ خىللاشقان نەم يەر ئېكولوگىيە رايونىنى ياخشى قۇرۇشنى تەكىتلىدى.