بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-15 15:45

بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 15-ماي بېيجىڭ يەنچى كۆلى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى. 30 دۆلەتنىڭ رەھبىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش، تەڭ نەپكە ئىگە بولىدىغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ۋە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 لاردا، شى جىنپىڭ يەنچى كۆلى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چەتئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى كۈتۈۋالدى.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى شى جىنپىڭ 2013- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ يادروسى، ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشى بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەمەلى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ، بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

شى جىنپىڭ،ئالدى بىلەن بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشدىكى مەقسىتىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ تەشەببۇسىنى دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم . ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر بىرگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىس كۆتۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆز دۆلىتىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىش قېيىن، شۇنداقلا دۇنيا يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر بىرنىڭ سىياسىتىنى تۇتاشتۇرۇپ، پۈتكۈل يەر شارىدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم ئامىلىنى ۋە تەرەققىيات مەنبەسىنى بىرىكتۈرگەندىلا، ئاندىن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى تارىخقا يىلتىز تارتقان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن قۇرۇلۇش، بىز قەدىمىي يىپەك يولىدىن ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ ئېلىپ تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئەينەك قىلىش، تەڭ نەپ ئېلىشتەك يىپەك يولى روھىغا ئاساسەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرسەك تامامەن بولىدۇ، شى جىنپىڭ بىر بەلباغ بىر يولنىڭ مەنبەيى جۇڭگودا ئەمما ئۇ دۇنياغا تەئەللۇق دەپ كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىن ھالقىپ ئۆتكەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىق سەھنىسى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق بارلىققا كەلتۈرگەن يەر شارىنىڭ ئاممىۋىي مەھسۇلاتى. ئۇ ئاسىيا، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىشىكىنى بىر نىيەت بىر مەقسەتتىكى بارلىق دوستلارغا ئېچىپ، ھەرقانداق بىر تەرەپنى چەتكە قاقمايدۇ. شۇنداقلا ئۇ ھەرقانداق بىر تەرەپكە قارىتىلغانمۇ ئەمەس. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە قول تۇتۇشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى يارىتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ. ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر بىرىنى تولۇقلاپ، تەڭ نەپ ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشتىن مەقسىتى ــ ھەمكارلىق ئۇلۇغ پىلانى ئۈستىدە تەڭ كېڭىشىش، بىرلىكتە ھەمكارلىق سەھنىسى بەرپا قىلىش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىش، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىش، مەن بۇ قېتىمقى يىغىندا تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە پائال نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىنى كۈتۈۋاتىمەن: بىرىنچى، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ياۋا غازنىڭ شۇنچە بوران چاپقۇنلاردىمۇ يىراقلارغا پەرۋاز قىلالىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ سەپ تۈزۈپ ئۇچۇپ، ئۆزئارا كۈچ بەرگەنلىكىدە، مانا بۇ بىزنىڭ ھەمكارلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىمىزغا بىر چوڭقۇر قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىز شېرىكلىشىش روھى بويىچە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت ئالاقىسى، ئەسلىھە ئالاقىسى، سودا ئالاقىسى، مەبلەغ ئالاقىسىنى، ئەل ئالاقىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ئورتاق تىرىشىش نىشانى قىلىشىمىز كېرەك، ئىككىنچى، سىياسەت جەھەتتىكى ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، بىرگە بىر قوشۇلسا ئىككىدىن چوڭ بولىدۇ دەيدىغان ھەمكارلىق روھىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان 3-ئىستىكى تۈرگە تۈرتكە بولۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇل ئەسلىھە بىرلەشمە ئالاقىسى جەھەتتە تۆمۈر يول، تاشيول قاتارلىق يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز پورتلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نېفىت تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، توك يەتكۈزۈش ۋە خەۋەرلىشىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ؛ ئىقتىساد سودا، كەسىپ ھەمكارلىق باغچە رايونىنى ياخشى قۇرۇپ؛ مەبلەغ سېلىش ، كەسىپلەرنى يىغىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ؛ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىش كېرەك. سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش قولايلاشتۇرۇش جەھەتتە ئەركىن سورا رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قائىدە پىرىنسىپ بىلەن ئۆلچەم سىستېمىسىنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان سودا مۇھىتى ۋە مېخانىزم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمىنى تولۇق قويۇۋېتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى جەھەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگىنىنى يېشىش كېرەك.

شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يۇمىلاق ئۈستەل ئۇچرىشىشى ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىقىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىش ، پىلانىنى تۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يەنچى كۆلى تارىخىي ئورۇن، ئەتراپتىكى تاغ تىزمىلىرىدا جۇڭگودىكى سەدىچىن سېپىلىنىڭ ئىزلىرى بار، بۇ يەر ئىدىيەنى ئويغىتىدىغان جاي، شۇنداقلا ھەمكارلىق يولىنى باشلايدىغان جاي. كۆپلىگەن كىشىلەر سىمۋوللاشتۇرۇپ بىر بەلباغ بىر يول خۇددى بىر جۈپ پەرۋاز قىلغان قاناتقا ئوخشايدۇ دېمەكتە. بىز يەنچى كۆلىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قانىتىمىزنى يېيىپ بىپايان كۆك ئاسماندا بىرلىكتە پەرۋاز قىلايلى! تىنچ بولغان، تەرەققىي قىلىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان، تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان يىراققا قاراپ پەرۋاز قىلايلى، كۆپچىلىككە رەھمەت!.