ئېلىمىز قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاشيولنى ياسىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 15:16

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

چۆل ۋە قۇم ئىلگىرى غەربىي يۇرتتىكى سانسىزلىغان قەدىمىي يوللارنى غەرق قىلغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، بىر قۇملۇق يولى قۇم بىلەن بوشاشماي كۆرەش قىلىپ، ئۇلانبۇتۇن، تىڭگېر، بادان جارىندىن ئىبارەت ئۈچ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا ئايلاندى، بۇ نەق بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە تۇتىشىدىغان بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى. بۇ تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2540 كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن، بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان مۇساپە 1300 كىلومېتىرغا قىسقىرايدۇ، قۇملۇقنى كېسىپ، شىنجاڭغا بېرىش ئارزۇسى پات يېقىندا ئىشقا ئاشقۇسى.

يۈز يىل ئىلگىرى، سۈن جۇڭشەن شەرقتە بېيپىڭدىن باشلىنىپ، ئالاشا ئارقىلىق غەربتە ئۈرۈمچىگە تۇتىشىدىغان، شىنجاڭغا بارىدىغان ئىككىنچى لىنىيەنى بەرپا قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ ئارزۇ يۈز نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئىشقا ئېشىش ئالدىدا تۇرماقتا. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى پىلانىدىكى پايتەختتىن چىقىدىغان ئالتىنچى لىنىيە يەنى بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ. بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قۇملۇقتىن ئۆتىدىغان قىسمى 930 كىلومېتىر بولۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ لىنخېدىن بەيگېداغا تۇتىشىدۇ، بۇ بۆلەك يولدا 7-ئاينىڭ ئوتتۇرى قاتناش باشلىنىدۇ.

"يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى يەنى بىنگال-جۇڭگو-ھىندىستان-بېرما، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدروى ئۇنىۋېرسال قاتناش لىنىيەسى" ئويى بويىچە، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنىڭ ئوتتۇرا لىنىيەسى شىمالىي لىنىيە، ئوتتۇرا لىنىيە ۋە جەنۇبىي لىنىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە دۆلەتلىك تۆمۈريول غول لىنىيەلىرىدىن تەشكىل تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى شىمالىي لىنىيە بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە بېيجىڭ-ئۈرۈمچى تۆمۈريولىدىن تەشكىللەنگەن.

بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئالاشا بۆلۈكى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دۇ زىيى مۇنداق دېدى: بۇ تاشيولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىن شىنجاڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە بارىدىغان، ئەڭ قولايلىق يول ئېچىلىدۇ، قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن تيەنجىن پورتىنىڭ شىمالىغا تۇتىشىدىغان ئەڭ تېز لىنىيە ھازىرلىنىدۇ، تيەنجىن پورتىدىن گوللاندىيەنىڭ روتېردام پورتىغا تۇتىشىدىغان ئەڭ تېز ئاسىيا-ياۋروپا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنىدۇ. بۇ ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ۋە شىمالغا قاراپ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا سىڭىشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.

بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، ئىشچىلار سۇ، توك، ئادەم، سېگنال يوق جاپالىق مۇھىتتا، پۈتۈن زېھنىنى قۇملۇق يولىغا قارىتىپ، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولىدىن كېيىنكى يەنە بىر تىپىك رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇردى.

ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئالاشا ئايمىقىدا، بىر يىلدىكى 100 نەچچە كۈندە 8 بالدىن يۇقىرى شامال، قۇم بورا چىقىپ، قۇم ياغىدۇ، يەر يۈز تېمپىراتۇراسى 60 گىرادۇسقا يېقىنلىشىدۇ. جۇڭگو قاتنىشى بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى لىنخې-بەيگېدا بۆلۈكى ئۈچ ئۆلچەم تۈرىنىڭ مەسئۇلى سۈن يۇڭمىن مۇنداق دېدى: بىز باشتا كەلگەن ۋاقتىمىزدا سۇ ۋە توك يوق ئىدى، يانفون سېگنالى پەقەت تاغنىڭ بىر چېتىدىلا بار بولغاچقا، كۆپچىلىك شۇ يەرگە بېرىپ، ئۈچىرەتتە تۇرۇپ تېلېفۇن ئۇرىشاتتى.

جاپالىق مۇھىت ئىشچىلارنى قورقىتالمىدى، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، چۆلۈككە يېشىللىق پەيدا قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇنلىغان ئىشىچىلارنىڭ بۇ جاينى ئىككىنچى ماكان قىلغانلىقىدىن بولدى.

جۇڭگو قۇرۇلۇش باش شىركىتى 2-تۈر بۆلۈمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش دېرىكتورى جى ۋىنيۇڭ قۇملۇق تامىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز قۇملۇقنى تەكشۈرىۋاتقاندا، قۇيۇن چىقىپ، قۇم كۆتۈرۈلسە، دەرھال ئەسۋابلارنى قوينىمىزغا تىقىپ، ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالاتتۇق، ئەمدىلا ئۆلچەپ بولغان بەلگىلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇم بېسىپ ئۇچۇرۇپ كېتەتتى، تەكشۈرۈشكە بىر چىقىپ كەتسەك بىر كۈندە ئاران تۈگىتىمىز، قوساق ئاچسا قۇم كىرىپ كەتتكەن يېمەكلىكلەرنى يەيتۇق، شۇڭا بىز قۇم تاماق دېگەن ئىسىمنى قويدۇق، ئىشچىلار قۇم تاماقنى يەۋېرىپ تەجرىبىلىك بولۇپ كەتتى، ئاغزىدىكى قۇمنى پاكىز تازىلىغىلى بولمىغاچقا، سۇ بىلەن بىراقلا يۇتىۋېتەتتى.

جۇڭگو تۆمۈريول پاي چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى 5-تۈر بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى شې بىنجۈننىڭ ئايالى خۇ چىن مۇنداق دېدى: بالىمىز دادىسىنىڭ ئىككى ئۆيى بارلىقىنى بىلىپ بولدى، بىرى بىز ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدىغان ئۆي، يەنە بىرى ئىش ئورنى.

شې بىنجۈن مۇنداق دېدى: مەن ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ناھايىتى خىجىل، لېكىن مەن بۇ يوللارنى ياساشقا قاتناشقانلىقىمدىن پەخرىلىنىمەن، كەلگۈسىدە بالام چوڭ بولسا باشقىلارغا پەخىرلىنىپ "بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى دادام ياسىغان" دېيەلەيدۇ.