شى جىنپىڭ كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-12 18:56

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاۋغۇست كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن ئالدىنقى ئايدا گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرۇگتا سىز بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆھبەتلەشتىم. بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە قويۇق ئالاقىنى ساقلىشىمىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئىككى تەرەپ ئىككىمىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرۈتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو سىزنىڭ بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىڭىزغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ خىزمەت كوللېكتىپى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

تىرامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ھامبۇرۇگ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سىز بىلەن سۆزلەشكىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەن سىز بىلەن زور مەسىلىلەردە ئالاقىنى ساقلىشىم ۋە كېڭىشىشىم ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى ۋە ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم. نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى، تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا ئىشىنىمەن. مەن جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشنى كۈتمەكتىمەن.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ھازىر ئالاقىدار تەرەپلەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ،چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۋېتىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى لازىم. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېگى-تەكتىدىن ئېيىتقاندا يەنىلا سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. جۇڭگو ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئامېرىكا بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

تىرامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئوينىغان رولىنى تولۇق چۈشىنىمەن، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.