شى جىنپىڭ 22-نۆۋەتلىك خەلقئارا پروكۇرورلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنى ھەم ئەزالار قۇرۇلتىيى...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-11 18:05

شى جىنپىڭ 22-نۆۋەتلىك خەلقئارا پروكۇرورلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنى ھەم ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

22-نۆۋەتلىك خەلقئارا پروكۇرورلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنى ھەم ئەزالار قۇرۇلتىيى 11-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پروكۇرورلار جامائەت مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. خەلقئارا پروكۇرورلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدا «پروكۇرورلار ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ» دېگەن باش تېما ئاساسىدا، تىنچ، ئادىل، ئىناق قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش چۆرىدەلگەن ھالدا، پروكۇرورلارنىڭ جامائەت پاراۋانلىقىنى قوغداش مەسىلىسى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىندى، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇننى ئىلمىي تۇرغۇزۇش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولۇش، ئومۇميۈزلۈك قانۇنغا رىئايە قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى تەڭ ئالغا سىلجىتىشتا، دۆلەتنى، ھۆكۈمەتنى، جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقتى. جۇڭگونىڭ تەپتىش ئورگىنى دۆلەتنىڭ قانۇننى نازارەت قىلىدىغان ئورگىنى بولۇپ، جىنايەتنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەۋا پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ. جۇڭگو پروكۇرورلارنىڭ جامائەت پاراۋانلىقىنى قوغداش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن تەجرىبە توپلىدى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئالاقىدار قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەدەنىيلىكى نەتىجىلىرىنى پائال ئەينەك قىلىشنى خالايدۇ. ھەر قايسى ئەل پروكۇرورلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، جامائەت پاراۋانلىقىنى قوغداش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، ئەدلىيە ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالىيجاناب ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.