باش شۇجىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئىشلىرى ئۈچۈن باسقان قەدىمى - خېنەننىڭ لەنكاۋدىكى ئاۋانگارت ئۈلگىلەر مەڭگۈ يېنىمىزدا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 17:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

2014-يىلى 17-مارت-يەن چۈنگۇاڭ مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان كۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ جاڭجۇاڭ كەنتىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردى. يەن چۈنگۇاڭ مۇنداق دېدى: مەن بىزنىڭ ئۆيگە باش شۇجىنىڭ كىرىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، مەن بەك ھاياجانلاندىم، باش شۇجى ماشىنىدىن چۈشۈپ ئامما بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئاشخانىمىزغا قاراپ، بىزنىڭ نېمە يەيدىغانلىقىمىزنى كۆردى، يەنە ياتاق ئۆيدىكى كارىۋاتنى كۆردى، ئاندىن ئولتۇرۇپ بىز بىلەن پاراڭلاشتى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ يېزا، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. شېن شۆفېڭ شۇ چاغدا جاڭجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئەينى چاغدا باش شۇجىنىڭ باش شۇجىنىڭ سول تەرىپىدە يانمۇ-يان ئولتۇردۇم. ئەينى چاغدا باش شۇجى مەن بۇ قېتىم سىلەرگە سۆزلىگىلى ئەمەس، بەلكى ئاممىنىڭ سۆزلىرىنى، سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىغىلى كەلدىم دېدى، يەنى باش شۇجى-يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرگە، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە قانداق قارايدىغانلىقى ۋە قانداق تەلەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىشى كېرەك دېمەكچى ئىدى.

50 نەچچە يىل بۇرۇن، لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جياۋ يۈلۇ كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، قۇم-بوران، شورلۇق، ھۆلچىلىك ئاپىتى بىلەن كۈرەش قىلىپ، لەنكاۋنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن شۇنداقلا جياۋ يۈلۇ روھىنى بەرپا قىلغان. 50 يىلدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىگە كېلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئاممىنىڭ سىياسەتكە بولغان تەسىرات ھەم ئارزۇلىرىنى ئىگىلەپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى جياۋ يۈلۇ روھىنىڭ بۆشۈكىدە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا جياۋ يۈلۇ روھىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يولداش جياۋ يۈلۇ ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئۈلگىسى شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۈلگىسى، ئۇنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا 50 يىل بولدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى مەڭگۈ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە، ئۇنىڭ روھى جىڭگاڭشەن روھى، يەنئەن روھى، لېي فېڭ روھى قاتارلىق ئىنقىلابىي ئەنئەنىلەر ۋە ئۇلۇغ روھلارغا ئوخشاش بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ يەنىلا پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، بىز مەڭگۈ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

دۇڭباتۇ يېزىسى جاڭجۇاڭ كەنتى-جياۋ يۈلۇ ئەينى يىلى قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تۈزەشنىڭ ياخشى تەدبىرىنى تېپىپ چىققان ھەم ئالدى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان جاي. بۇ كىچىك كەنتتە، باش شۇجى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت كادىرلىرىغا ئاممىۋى لۇشيەننىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. شۇ يىلى 72 ياشقا كىرگەن جاڭ سىخەي-كەنتنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ھەققىدە دېگەن سۆزلىرى مېنىڭ كاللامغا چوڭقۇر ئورناشتى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

جاڭ سىخەي مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىزگە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى سۆزلەپ بەردى، مەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىدىيەنى قايتىدىن تونۇپ يەتتىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلگەندىن كېيىن، كەنتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش، ئىقتىساد ئىشلىرى تەرەققىي قىلدى، كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى، جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش-يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. مەلۇماتقا قارىغاندا، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 87 مىليون 793 مىڭغا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى تۆت مىليون 360 مىڭغا يەتكەن. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا-كەنت، مەھەللىلەرگە تارقالغان بۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى-پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىمارىتىنىڭ ئۇلى، بۇنىڭ ئىچىدىكى يېزا-كەنت كادىرلىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى يەنە ئۇلنىڭ ئىچىدىكى پولات چىۋىقلارغا ئوخشايدۇ. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، پەقەت ھەر بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسى كۈچلۈك باش مەقسەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن جەڭگىۋار قورغانلىق، ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، پارتىيەمىزنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورىيىدۇ، دۆلىتىمىز تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ، خەلقىمىز تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ.