ئاڭلاڭ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى ـ يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ-قىممەتلىك بايلىق
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-13 10:57

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن دەۋر يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە يىپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئالاھىدە پىلانلىغان «ئاڭلاڭ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى» دېگەن ئون قىسىملىق يۈرۈشلۈك خەۋەر ئاڭلىغۇچىلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنى قايتا ئەسلىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئوي پىكرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىگە باشلاپ كىرىدۇ. ئەمدى «ئاڭلاڭ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى» دېگەن يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ-قىممەتلىك بايلىق» دېگەن 5-قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈلۈپ، «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش» تۇنجى قېتىم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى قىلىندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 7-سېنتەبىر قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىز ھەرگىزمۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنىڭ بىر مەھەللىك تەرەققىياتىنى كۆزلىمەسلىكىمىز كېرەك. بىزگە ھەم ئالتۇن-كۈمۈشكە ئوخشاش بايلىقلار كېرەك ھەم يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلار كېرەك. ئالتۇن-كۈمۈشكە ئوخشاش بايلىقلار بولمىسا مەيلىكى، ئەمما يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلار بولمىسا بولمايدۇ. چۈنكى يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ-قىممەتلىك بايلىق.

«يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ-قىممەتلىك بايلىق» دېگەن بۇ ئىلمىي ھۆكۈم-ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قارىشى تۇرغۇزۇش، جۇڭگونى يېشىل تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەشنىڭ نەزەرىيە ئاساسىغا ئايلاندى.

بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەگىلا بارسا، شۇ يەردە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى، يەنى مەن ئېيتقان يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ بىلەن ئالتۇن، كۈمۈشكە ئوخشاش بايلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىش لازىم، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلار بىلەن ئالتۇن، كۈمۈشكە ئوخشاش بايلىقلار ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى ئەمەس، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئادەمگە، تەپەككۇرغا باغلىق، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى ماس قەدەمدە ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پۇقرالارنى بېيىتىش، ئېكولوگىيەنى گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش زادى قانچىلىك مۇھىم؟ باش شۇجى بۇنى كۆپ قېتىم كۆزنى ئاسراش ۋە ھاياتقا مۇئامىلە قىلىشقا ئوخشاتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، مۇھىت دېمەك-خەلق تۇرمۇشى دېمەك، يېشىل تاغ دېمەك-گۈزەللىك دېمەك، كۆپكۆك ئاسمان دېمەك- بەخت دېمەكتۇر. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا، ئىككىنچى قېتىم ئۇنداق قىلما دېيىشكە بولمايدۇ.

باش شۇجىنىڭ ھەر بىر شەھەر، ھەر بىر پارچە يەرنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى-پۈتكۈل ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك چوڭ ئەندىزىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى. چوڭ ئەندىزە چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇشقا موھتاج. «13-بەش يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش پىلانى»دا: 2020-يىلىغىچە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاش ئاساسىي نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم بىر قاتار مۇھىم كۆرسەتكۈچلەر چىقىرىلىپ، يېشىل تەرەققىياتقا مۇھىم كاپالەت ھازىرلاپ بېرىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتتا، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىمىز. جۇڭگو بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىشقا كېتىدىغان سۇ مىقدارىنى %23، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %15، كاربون تۆت ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارىنى %18 ئازايتىدۇ.

دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگو «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ»نى قوغلىشىۋاتىدۇ شۇنداقلا بىر چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ-قىممەتلىك بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىغانلىق-ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئاسرىغانلىق» دەپ كۆپ قېتىم ئېيتقان. بىز ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولغان گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، پۇقرالارنى ياشاشقا باب كېلىدىغان مۇھىتتا تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

تارىخنىڭ دولقۇنى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى باشلاندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات يولى بارغانسېرى مۇستەھكەم بولىدۇ، بارغانسېرى كېڭىيىدۇ، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەۋلادلارغا چوقۇم ئاسمىنى كۆك، يەر-زېمىنى يېشىل، سۈيى پاكىز يۇرت-ماكان قالدۇرۇپ، مەڭگۈلۈك تەرەققىياتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.