شى جىنپىڭنىڭ لائوسنىڭ باش شۇجىسى بىلەن ماخوسو دوختۇرخانىسىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 17:51

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-نويابىر لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بۇنخاڭ بىلەن بىرلىكتە ۋېنتىياندا ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ماشىنا ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بۇنخاڭ توختالغۇدا شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ بىلەن بۇنخاڭ ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسى تۈرىنىڭ ئۈنۈم مودېلىنى بىرلىكتە كۆردى، جۇڭگو تەرەپ باش بىناكارىنىڭ تۈر ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ئۇل سېلىش مۇراسىمى باشلانغاندا، شى جىنپىڭ بىلەن بۇنخاڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، ئۇلغا بىرلىكتە توپا تاشلاپ، ئۈستىگە گۈل چاچتى.

ئۇل سېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن بۇنخاڭ بىرلىكتە دوختۇرخانىنىڭ كېسەلخانا بىناسىغا بېرىپ، جۇڭگودىن لائوسقا ياردەمگە كەلگەن كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تېببىي خادىملىرى بىلەن قىسقا پاراڭلاشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق تېببىي خادىملارنىڭ يورۇقلۇق ۋە دوستلۇق ئەلچىلىرى سۈپىتىدە، لائوستىكى بىمارلارغا يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگو-لائوس دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى چىڭىتىشقا تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ بىلەن بۇنخاڭ كۆز كېسەللىكلىرى كېسەلخانىسىغا كىرىپ، جۇڭگولۇق تېببىي خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. تېببىي خادىملار جۇڭگو تەرەپ ئوپېراتسىيە قىلىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن لائوسلۇق ئىككى كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنىڭ كۆزىدىكى تېڭىقنى نەق مەيداندا ئېلىۋەتتى. شى جىنپىڭ بۇ ئىككى بىمارنىڭ بالدۇرراق تېخىمۇ ياخشى ساقىيىشى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشكەن لائوسلۇق بىمارلار جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن تېببىي خادىملارنىڭ ئۆزلىرىنى داۋالاپ، قايتىدىن بەختلىك تۇرمۇش قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-لائوس ھەمكارلىقىدا خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. قاتتىق دېتال بولغاندىن كېيىن، يەنە يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنىمۇ كۈچەيتىش لازىم. ئىككى دۆلەتنىڭ سەھىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى سىياسەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، داۋالاش سەۋىيەسىنى بىرلىكتە ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسى-جۇڭگو لائوسقا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر بولۇپ، ھازىرقى ماخوسو دوختۇرخانىسى ئاساسىدا كېڭەيتىپ سېلىنغان، بۇ-لائوسنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، 2021-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇمكىن. شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ لائوس نامسىز جەڭچىلەر خاتىرە مۇنارىغا گۈل قويدى.