شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «جەنۇب-جەنۇب كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى»نى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 17:18

7-دېكابىر تۇنجى نۆۋەتلىك «جەنۇب-جەنۇب كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىي، ئوچۇق، كەڭ قورساق روھ بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقىنىڭ تېخىمۇ تولۇق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: ھەممە كىشى كىشىلىك ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقى مىللىي ئازادلىق ۋە دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشىش، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە بەختتىن بەھرىمەن بولۇش، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاققىچە كۈرەش قىلدى ۋە تىرىشتى، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى باشتىن ئاياق ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت ۋە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغ سېخىمىسى سىزىلدى، بۇ جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر نوپۇسى %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈكلۈكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو خەلقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىر نىيەتتە ماسلىشىپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئوڭشاشنىڭ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىن ئەتتى. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.