شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-12 09:36

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى تاماملاشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە تايىنىش شەرت، پارتىيەنىڭ يېڭى ھالىتى، يېڭى نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاداققىچە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىنى قوغداشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى بۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇش ئېكولوگىيەسىنى تۈپتىن ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭلار يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىشلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش شەرت. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئەڭ ئاساسلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە ساپلىق قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا، خەلقنىڭ چىڭ كۆڭلىدىن ھىمايىسىگە ئېرىشىشىگە، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشىغا، تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە، غەيرەت-جاسارەتلىك ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۈچسىز بولۇشتىن ئىبارەت مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ تارىختىكى ئۈنۈملۈك ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، تەجرىبىلەر ناھايىتى قىممەتلىك، بۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز زۆرۈر. (1) ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، غايە ئىشەنچنى چىڭىتىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. (2) بۇرچ ئارقىلىق يېتەكلەش بىلەن مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. (3) «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى تۇتۇش بىلەن «مۇتلەق كۆپ سانلىقلار»نى باشقۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەم كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا ئومۇميۈزلۈك تەلەپ قويۇش، ھەم «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش كېرەك. (4) ھوقۇق يۈرگۈزۈش بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «مەسئۇلىيەت»نى چىڭىتىپ، «مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. (5) قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈش، ئىشىنىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. (6) پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكى بىلەن ئامما نازارەتچىلىكىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئاداققىچە چىڭ تۇرۇش، قىلچە تەۋرەنمەسلىك كېرەك. خەلقئارا ۋە ئىچكى مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە، پارتىيەمىز دۇچ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەمىزنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىلىمۇ مۇرەككەپ بولماقتا. پارتىيە قوشۇنى ۋە پارتىيەنىڭ ئەھۋالىدا زور ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، بۇ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى جىددىي تەلەپ قىلماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۈنۈمنى ساقلاپ، «قانچە جاپالىق بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت باتۇرانە جاسارەت ۋە «تار يولدا ئۇچراشقاندا باتۇرلار غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن كۈرەش روھى بويىچە، قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش لازىم. بارلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى كەم-كۈتىسىز ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى سىياسىيدا مەزمۇت، ئىشەنچلىك بولۇشى، پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كوممۇنىزمنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق غايىسىنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇش لازىم. ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ رېئال خىزمىتىدىن ئايرىلغان ھالدا ئۇلۇغۋار غايە ئۈستىدە قۇرۇپ گەپ سېتىشقا بولمايدۇ ھەم كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇزاق تارىخىي جەريان بولغانلىقتىن گەپنى يوشۇرۇشقا، ھەتتا ئۇلۇغۋار غايىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش؛ دائىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك، قاتتىق ۋە ئەمەلىي، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇش جەھەتتىن داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك شامىلىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قايتىدىن ئەۋج ئېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىشتە، 1-قول باشلىق باش مەسئۇل بولۇشى لازىم. رەھبىرى كادىرلار ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خەلققە بولغان ساپ قەلبنى ساقلاپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ، رىشتە باغلاپ، پۇختا، ئەمەلىي، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشى لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، قاتتىق ئىنتىزام بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش؛ ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىنتىزامنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى ۋە ئاڭلىق قوللانمىسىغا ئايلاندۇرۇش؛ ئىنتىزام قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتىيە تەشكىلاتلىرى چىڭ تۇتۇش ۋە باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ چەكلىمىسىز رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، چىداپ تۇرماسلىق، قاتتىق توسۇش، يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇزۇن مۇددەت چۆچۈتۈش، پارا بېرىش بىلەن پارا ئېلىشنى بىر تۇتاش تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ئازايتىش، مۇھىم نۇقتىنى توسۇشقا قارىتىش؛ يولۋاسلار بېشىنى كۆتۈرگەن ھامان ئۇرۇش، چىۋىنلەر گىژىلدىغان ھامان مىجىپ تاشلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تۈزەش؛ قارا جەمئىيەت رەزىل كۈچلىرىنى تازىلاش بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەم قارا جەمئىيەتلەرنى ھەم ئۇلارنىڭ كەينىدىكى مۇھاپىزەت كۈنلۈكلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تازىلاش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چىرىك جىنايەتچىلەرنى قاتتىق چۆچۈتۈش لازىم. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق جەھەتتىكى چۆچۈتۈشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشەلمەسلىك قەپىسىنى چىڭىتىپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈش؛ ئىسلاھات ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، مەنپەئەت يەتكۈزۈش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ھوقۇق ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك، كارغا كېلىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىپ، شەخسىيەتسىز ۋە قورقماسلىق روھى بويىچە مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە ياخشى جاۋاب تاپشۇردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئۈنۈمىنى چىڭ تۇتۇپ، نازارەت، كەسكىن ئىنتىزام ئىجراسى، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى شەرت.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىنتىزام ئىجرا قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام تەلىپى قويۇشى لازىم. بارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى سادىقلىق، قەتئىيلىك، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك، رەزىللىكنى جازالايدىغان، ياخشىلىقنى تەقدىرلەيدىغان ھەققانىيەت خەنجىرىنىڭ مەڭگۈ دات باسماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىدىيە-تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي خىزمەت بىلەن فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيدانى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سستېمىلىقلىقى، ئىجادچانلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جاۋ لېجى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىكى پارتىيە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.