شى جىنپىڭ سىچۈەندە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 09:41

جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-فېۋرال سىچۈەن ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىغا بېرىپ، قويۇپ بېرىش ئورنى ۋە تېخنىكا ئۆيىگە كىرىپ، قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى ھەم ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش تەييارلىقىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، مەجبۇرىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە، شى جىنپىڭ مەلۇم بازىنىڭ قويۇپ بېرىش مەيدانىغا كەلدى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپلا، قويۇپ بېرىش ئورنىغا باردى. ئۇ تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاچ، قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش خەرىتىسىنى كۆردى، قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ قۇرۇلما ئىقتىدارىنى ئىنچىكە ئىگىلىدى، ئارىلاپ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سورىدى. خىزمەتچىلەر 3-نومۇرلۇق قويۇپ بېرىش ئورنىنىڭ مۇكەممەل ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرۇپ، كۆپ خىل تىپلىق راكېتا ۋە ئالەم ئۇچقۇسىنى قويۇپ بېرەلەيدىغانلىقى، ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى نۇرغۇن بىرىنچىلىكلەرنى ياراتقانلىقىنى ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى. ئانچە يىراق بولمىغان 2-نومۇرلۇق قويۇپ بېرىش ئورنىدا نەچچە ئون قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىنغان ئىدى، پىلان بويىچە، پات ئارىدا يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلىدۇ.

قوماندانلىق زالىدا، بازىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر جىددىي، تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالايىتەن بۇ يەرگە كېلىپ كۆپچىلىكنى يوقلىدى. كۆپچىلىك رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن چاۋاك چالدى. شى جىنپىڭ ئىش ئورنىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ھەر بىر يولداشنىڭ پەن تەتقىقات خىزمىتى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. كۆپچىلىكنىڭ تاغ جىلغىسىغا يىلتىز تارتىپ، ئالەم قاتنىشىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، نۇرغۇن كەشپىيات پاتېنتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇلارغا بەك قايىل بولدى. شى جىنپىڭ سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئىگىلىدى، كۆپچىلىككە تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان خىزمەت ئىستىلىنى ساقلاپ، خىزمەتنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.

چاغان يېقىنلاشقاندا، شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ ۋىدىيو ئارقىلىق قىسىمدىن مەخسۇس ھال سورىدى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى. شى جىنپىڭ دېڭىز سۈيى قىيا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ بۇژغۇنلار چاچراپ تۇرغان شىشا تاقىم ئارىلىدىكى مەلۇم كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش نۇقتىسىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئارال مۇھىتىغا كۆنەلگەن-كۆنەلمىگەنلىكى، چاغاننى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى سورىدى. شى جىنپىڭ بۇ ئەھۋاللارنى ناھايىتى كونكرېت سۈرۈشتۈردى. شى جىنپىڭ ئارالنىڭ مۇداپىئە شارائىتىنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەللىكى، چاغاندا تۈگرە تۈگۈش، كارائوكى ئېيتىش، شاھمات ئويناش، توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بەك خۇشال بولدى. چاغان مەزگىلىدە جەڭچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى تاپىلىدى. دېڭىز بويىدىكى مەلۇم قويۇپ بېرىشنى سىناش پونكىتىدا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قويۇپ بېرىش جاھازىسىنىڭ تۈۋىگە يىغىلىپ روھلۇق تۇرۇپ، ۋىدىيو ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇلارنى زىممىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماي، جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ قوماندانلىق زالىدىن ئايرىلىپ، بىر تېخنىكا ئۆيىگە كېلىپ، بازىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئىنچىكە ئىگىلىدى، بازىنىڭ جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ بازا تەۋە بولغان ئالاقىدار قىسىمنىڭ مۇئاۋىن پولك دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئالەم قاتنىشى ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ روھى، ئالەم قاتنىشى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مۆجىزىسىنى يارىتىش؛ غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئورۇنلاشقان ھەربىي مەشىقنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇش تاكتىكىسى، مەشىق ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالەمگە قويۇپ بېرىش ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيە بىرلەشمە ئۇرۇش سىستېمىسىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئارمىيە، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا پۇختا تىرەك ھازىرلاش؛ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلەنگەن جەڭگىۋارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق، ھالقىلىق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭىتىپ، خەلقئارا رىقابەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ساقلاش؛ سىياسىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە-سىياسىي قۇرۇلۇشنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىسىمنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىقلىقى، مۇتلەق ساپلىقى، مۇتلەق ئىشەنچلىكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ 12-فېۋرال چۈشتىن كېيىن چېڭدۇدا بۇ شەھەردە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ دىۋىزىيەدىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلىرى ۋە ئىشتاتلىق پولك ھەم ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ۋە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جاڭ يۇشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.